تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا 2017-يىللىق تەكلىپلىك تۈزۈمدىكى مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى

 ئۆز خەۋىرىمىز: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەكلىپلىك تۈزۈمدە مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى 21-نويابىر رەسمىي باشلاندى، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيەلىك كان بايلىقلىرى ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، سانجى دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تەتقىقات باغچىسىنى باشقۇرۇش كومىتېتى سىناق نۇقتا ئىدارىسى سۈپىتىدە جەمئىيەتتىن تەكلىپلىك تۈزۈمدىكى مەمۇردىن توققۇزنى ئاشكارا قوبۇل قىلىدۇ.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىملىق تەكلىپلىك تۈزۈمدىكى مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش تىزىملاش ۋاقتى 20-نويابىردىن 30-نويابىرغىچە بولۇپ، 30-دېكابىردىن بۇرۇن ئىمتىھان ئېلىنىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشلىنىدىكەن، 2018-يىلىنىڭ بېشىدا تەكلىپ قىلىنغانلار توختامغا ئىمزا قويسا بولىدىكەن.

 بۇ قېتىم مەملىكەت بويىچە تەكلىپلىك تۈزۈمدىكى مەمۇرلار قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تورى (http://www.xjrsks.com.cn) ئارقىلىق ئىمتىھانغا تىزىملاتسا بولىدىكەن. تەكلىپلىك تۈزۈمدىكى مەمۇر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، كەسىپلەر جەدىۋىلى ئاساسلىقى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http://www.xjrs.gov.cn)، شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى (http://www.xjkunlun.cn)، شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تورى (http://www.xjrsks.com.cn)، شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئۈندىدار سالونىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى