تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى مىڭدىن ئاشۇرۇلىدۇ

 ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرىمىزنىڭ 21-نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئائىت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا، «يىپەك يولى» ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق پەن-تېخنىكا مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ تەسىرىدە  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي گەۋدە بويىچە يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسى ئۆسۈپ، مەملىكەت بويىچە ئىجادچان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىدىن، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى سانىنىڭ مىڭدىن ئېشىشىدىن ئۈمىد زور ئىكەن.

 ئىگىلىنىشىچە، پەن-تېخنىكا مەركىزى قۇرۇلۇشى «يىپەك يولى» ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى «بەش مەركەز»نىڭ بىرى، شۇنداقلا مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، مائارىپ مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەن. شىنجاڭدا 560 يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى بار ئىكەن.

 ئىگىلىنىشىچە، پەن-تېخنىكا مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ خىزمىتىگە يادرولۇق رايون قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىش تەقسىملەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، يۇقىرى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىق ئالتە تەرەپتىكى خىزمەتنى كونكېرت ئىشلەيدىكەن. بۇ گۇرۇپپا يەنە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تۈرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ،مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى