تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇرۇلۇش پىلانىنى پۇختا تۈزۈپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىپ، خەلققە يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلىش

  ـــ قاراماي شەھىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتا ئۇدا ئۈچ نۆۋەت شەرەپ قۇچقانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

  شىن ۋېنمىڭ

  مۇنداق بىر كەسىپ بار، ئۇ، بىر شەھەرنى 21 يىلدىن بۇيان يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر مەقسەتتە بوشاشماي ھەمكارلاشتۇردى؛ مۇنداق بىر مەسئۇلىيەت بار، ئۇ، بۇ شەھەردە ياشاۋاتقان 400 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەر ۋاقىت ئەستە ساقلاپ، باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ دەل قاراماي شەھىرى 1996 – يىلى باشلىغان مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش پائالىيىتى.

  باسقان مۇساپىنى ئەسلىگەندە، قارامايلىقلارنىڭ مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش يولىدا مەزمۇت قەدەم باسقانلىقىنى، قاراماينىڭ مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش جەريانىدا يېڭى قىياپەتكە كىرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

  قۇرۇلۇش پىلانىنى پۇختا تۈزۈش

  2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى بارلىق قارامايلىقلار خۇشاللىنىشقا ئەرزىگۈدەك بىر كۈن بولدى. قارامايلىقلار شۇ كۈنى ‹‹مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر›› دېگەن لەۋھە تاختىسىنى قولىغا ئالدى. بۇ نەتىجە تولىمۇ تەستە قولغا كەلدى، قارامايلىقلار بۇ شەرەپكە ئېرىشىش ئۈچۈن مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش يولىدا توپتوغرا 15 يىل ماڭدى.

  قاراماي شەھىرى 15 يىل جەريانىدا ‹‹دۆلەت باغچە شەھىرى››، ‹‹مەملىكەت بويىچە پاكىز شەھەر››، ‹‹مەملىكەت بويىچە مۇھىت ئاسراشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر›› قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن قارامايلىقلارنىڭ قەلبىدە ئەپسۇسلىنىدىغان بىر ئىش بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ قاراماي شەھىرى تېخى ‹‹مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشمىگەنىدى.

  قارامايلىقلارنىڭ مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ئارزۇسىدىن ئىزچىل ۋاز كەچمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار بۇنىڭ شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا بۇ شەھەردە ياشاۋاتقان پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنەتتى. دەل مۇشۇ نىشاننىڭ يېتەكلىشىدە، 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى نەچچە نۆۋەت ئالماشقان بولسىمۇ، لېكىن قاراماي شەھەرلىك پارتكوم باشتىن – ئاخىر ئەسلىي مەقسەتتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش پىلانىنى ئاخىرغىچە ئىجرا قىلىپ، خەلق ئۈچۈن مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى خىزمەتلەرگە باشتىن – ئاخىر سىڭدۈردى.

  قاراماي شەھىرى تۇنجى قېتىم ‹‹مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر›› شەرىپىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ‹‹بىرىنچى باشلىق›› قۇرۇلۇشى قاتارىدا تۇتۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ‹‹بىرىنچى باشلىق››لىق رولىنى جارى قىلدۇردى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراماي شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە ۋە تۇتقا قىلىپ، يۇقىرىدىكىلەر تۈرتكە بولۇشنىڭ رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

  مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەش

  نېمە ئۈچۈن مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىمىز؟ مەدەنىي شەھەرنى قانداق بەرپا قىلىمىز؟ بۇ، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش رىقابىتىدە كىشىلەر دائىم سورايدىغان ئىككى سوئال.

  قاراماينىڭ جاۋابى مۇنداق: خەلققە پايدىلىق بولغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش جەريانىدا خەلقنى ئۈزلۈكسىز ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

  15 يىللىق مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش پائالىيىتى، ئالتە يىلدىن كۆپرەك يۈكسىلىش ئارقىلىق، قاراماي شەھىرى سىرتقى قىياپىتىدىن روھىيىتىغىچە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ‹‹قۇملۇق گۈزىلى››گە ئايلاندى.

  قاراماي جيۇلۇڭتەن كۆلىدىكى توققۇز ئەجدىھانىڭ ئاغزىدىن ئېتىلىپ چىققان سۇ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە شارقىراپ ئاقىدۇ، بۇنىڭدىن پەيدا بولغان تۇمان تۆت ئەتراپقا تاراپ، ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ.

  8.51 كىلومېتىر كېلىدىغان قاراماي دەرياسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ، شەكلى ئۆزگىچە 20 كۆۋرۈك جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. كەچتە رەڭدار چىراغلار يورۇپ، مۇڭلۇق مۇزىكا ياڭراپ، دەريا بويى ناھايىتى گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ. دەريا بويىغا جايلاشقان ئەسىر باغچىسى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.

  قاراماي شەھىرى يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان 30 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، تۇرالغۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش قاتارلىق ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلدى. پۈتۈن شەھەردە كاپالەتلىك تۇرالغۇدىن 31 مىڭ 29 يۈرۈش سېلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجى تولۇق قاندۇرۇلدى. شەھەر، رايون دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە مەركىزى، كۆرگەزمە مەركىزى قاتارلىق 380 دىن كۆپرەك خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى تاماملىدى، ئومۇمىي كۆلىمى 111 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۈچ پىششىق يېمەكلىك پىششىقلاش بازىسى قۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىگە بولغان تونۇش تۇيغۇسى بارغانسېرى ئاشتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراماي شەھىرى يەنە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى ئاساس، ئېغىر كېسەللەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق مەخسۇس پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى تىرەك، ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇشنى قوشۇمچە قىلغان ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش بىخەتەرلىك تورىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈردى. ئۆيدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزى(پونكىتى) بارلىق كوچا باشقارمىسى، مەھەللىلەردە ئومۇملاشتى، كۈندۈزلۈك كۈتۈش مەركىزى، قاراماي تېغى ياشانغانلار ساناتورىيەسى، ئۆيدە كۈتۈنۈش قاتارلىق ھەرخىل كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، كۈتۈنۈش شەكىللىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى بىلەن، قاراماينىڭ ئۆيدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەندىزىسى مەملىكەت بويىچە ئۈلگىگە ئايلاندى.

  قاراماي شەھىرىنىڭ چوڭ – كىچىك كوچىلىرىدا ئۇچرىتىدىغان تەبەسسۇم چىرايلار، جاراڭلىق كۈلكە ئاۋازلىرى شەھەر ئاھالىلىرى تۇرمۇشىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىسىدۇر.

  پېنسىيەگە چىققان بىر خىزمەتچى ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى پېنسىيەگە چىقىپلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەلدى، نۇرغۇن جايغا بارغاندىن كېيىن، بىز يەنىلا قاراماينىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق.

  ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ـــ ئاچقۇچ

  مەدەنىي شەھەر ئېگىز بىنا ۋە ئاۋات كوچىلار ئارقىلىقلا ئىپادىلىنىپ قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، كۈندىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىدا ئىپادىلىنىدۇ.

  سىرتتىن كەلگەن نۇرغۇن كىشىنىڭ قاراماي شەھىرىدىكى تۇنجى تەسىراتى بۇ شەھەرنىڭ رەتلىك، پاكىز، تەرتىپلىك ئىكەنلىكى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يۇقىرى ساپاغا ئىگە ئىكەنلىكى بولسا كېرەك. بۇنىڭدا قاراماي شەھىرىنىڭ مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈۋاتقان دائىملاشقان باشقۇرۇش مېخانىزمى يوشۇرۇن رول ئوينىدى.

  2011 – يىلى 12 – ئايدا، قاراماي شەھىرى مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش ئارقىلىق، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي چوڭقۇرلاشتۇرۇش، فۇنكسىيەلىك تارماقلار ۋە ئاممىنىڭ ئاڭلىق، تەشەببۇسكار بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جەزمەن بىر يۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش كېرەكلىكىنى بايقىدى.

  ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى بىلەن، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم كۈچەيتىلدى. قاراماي شەھىرى شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇپ، شەھەر باشقۇرۇشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ‹‹چوڭ ھەمتۈرتكە بولۇش››نى يولغا قويۇپ، مېخانىزم راۋان، مەسئۇلىيەت ئېنىق بولغان، ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىلگىرىكى مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىدە ھەر قايسى ئورۇن ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىشتەك پاسسىپ ھالەتنى ئۆزگەرتتى. رەقەملەشكەن شەھەر باشقۇرۇش نەتىجىسىنى كېڭەيتىش، قوللىنىش بىلەن مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئىنكاس قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شەھەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

  مەدەنىي شەھەردىكى مەدەنىي كىشىلەر

  مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش قاراماينىڭ شەھەر قىياپىتىنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى گۈزەللەشتۈردى.

  قاراماي تېغى، كۆرگەزمە سارىيى، گېئولوگىيە كۆرگەزمىخانىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى ۋە كارخانا روھى تەربىيە بازىسى، مەدەنىيەت كوچىسى، ‹‹خەنبو›› مەدەنىيەت، ئىگىلىك تىكلەش كەسىپلەر رايونى ۋە ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان تۈرلۈك ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، قارامايلىقلارنىڭ مەدەنىيەت – ئىدىيە ئىچكى ئامىلى ئاستا – ئاستا ئۆزگىرىش داۋامىدا پاكلاشتى ۋە يۈكسەلدى.

  ‹‹ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى››، ‹‹ئەڭ پەزىلەتلىك شىنجاڭلىق››، ‹‹جۇڭگو ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى›› قاتارلىق باھالاش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش جەريانىدا، ۋاڭ يەنمىڭ، روزىمەمەت باقى قاتارلىق بىر تۈركۈم نەمۇنىچى ئۈلگىلەر بارلىققا كېلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇردى. شەھەر بويىچە 300 دىن ئارتۇق ئەخلاق دەرسخانىسى قۇرۇلدى، 800 دىن ئارتۇق ‹‹ساخاۋەتلىك ئىش، ھەققانىي ھەرىكەت تاختىسى›› تۇرغۇزۇلدى، ‹‹ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەلىملىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەنئەنىۋى ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇرۇش›› باش تېما قىلىنغان ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشى، ‹‹مەدەنىي يول يۈرۈش، مەدەنىي غىزالىنىش، مەدەنىي تورغا چىقىش، مەدەنىي ساياھەت قىلىش››تىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەدەنىي ھەرىكەت، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش بويىچە پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، شەھەر ئاھالىسى ئىش – ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىش، ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلەندى.

  ھەر يىلى 3 – ئاي ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى ئېيى. بۇ مەزگىلدە، قاراماي شەھىرى ‹‹ئۈچكە كۆيۈنۈش››، ‹‹قوشنىدارچىلىق قىلىش››، ‹‹مەدەنىي يول يۈرۈش›› قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى ئۇدا قانات يايدۇرۇپ، ‹‹تۆت قۇلاق ئوت››، ‹‹تۆمۈر بوۋاي››، ‹‹مېھرىبان ئانا››، ‹‹قىزىل ھۈجەيرە›› قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسىنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى تەشكىلاتىغا جەلپ قىلىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش دولقۇنىنى قوزغىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى