تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق ھازىرقى ۋە كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى پىلانلاش، ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:

  پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق ھازىرقى ۋە كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى پىلانلاش، ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 11 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئورۇنلاشتۇرغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈش ۋە ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم كېلەر يىللىق خىزمەت پىلانى توغرىسىدىكى پىكىرلەرنى ئاڭلىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، كېلەر يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جۇجياڭ يولىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى، مېترو 1 – لىنىيەسىنىڭ ئۆسۈملۈك باغچىسى بېكىتى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى ۋە تەكشۈردى، تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش، شەھەر تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ۋە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشتە ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاچقۇچلۇق بولغىنى غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىش، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى قەتئىي ساقلاش. ئۈرۈمچى شەھىرى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۈرۈمچى شەھىرى ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئومۇمىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىر قاتار ئەمەلىي، كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئۈرۈمچى شەھىرى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇقىملىق خىزمىتىنى قەتئىي، ئۈنۈملۈك، ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، باش نىشاننىڭ كويىدا بولۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئۈرۈمچى شەھىرى ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ، تېز ئىلگىرىلەپ، بۇ يىللىق تۈرلۈك نىشان – ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پۈتۈن يىللىق نىشان – ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشتا ‹‹تۈۋرۈكلۈك›› رول ئوينىشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېلەر يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى ۋە ياخشىلىشى كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل مەركىزىي شەھەر بەرپا قىلىشى كېرەك. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، شەھەر يولىنى ئۆزگەرتىش ۋە ياساشنى تېزلىتىپ، رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى مەزگىلدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئىلمىي يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش جەھەتتە ياخشى باشلامچى بولۇشى، ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى