تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى بويىدىكى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىق تورى مۇنبىرى بېيجىڭدا ئېچىلدى

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 21 – كۈنى تېلېگراممىسى. تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى بويىدىكى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىق تورى مۇنبىرى 11 – ئاينىڭ 21 – كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىپەك يولى بويىدىكى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىق تورىنى قۇرۇش يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەلئارا ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى پۇرسەت بىلىپ، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى زور تەدبىرلەرنى ئورتاق كېڭىشىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۇڭ تاۋ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىق تورى قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە مەخسۇس تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. ھەر قايسى دۆلەتلەر خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ خوجايىنلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس تەبرىك خېتى ئەۋەتتى، مىسىرنىڭ سابىق زۇڭلىسى شەرەف، رۇمىنىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى پۇنتا ۋە جۇڭگو خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سۈن جياجېڭ ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلدى.

  بۇ يىل 5 – ئايدا، شى جىنپىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىقى باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ‹‹يىپەك يولى بويىدىكى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىق تورىنى قۇرۇش››نى جاكارلىغانىدى. شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى يىپەك يولى بويىدىكى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىق تورىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى، ماس ھەرىكەت قىلىشى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىدىكى ئۈنۈملۈك سۇپا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ چىقاردى. ھازىر 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 300 دىن ئارتۇق خەلق تەشكىلاتى ھەمكارلىق تورىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.