تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

كېلىماكتېرىيە مەزگىلىدە ئاياللار نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك

   كېلىماكتېرىيە مەزگىلى ئاياللار ھاياتىدا بېشىدىن كەچۈرىدىغان نورمال جەريان. كېلىماكتېرىيە مەزگىلىنى قېرىشنىڭ باشلىنىشنىڭ ئەمەس، بەلكى ھاياتلىقنىڭ يېڭى باسقۇچى دەپ قاراپ، روھىي ھالەتنى تەڭشەپ، ئۆزىنى ياخشى ئاسرىغاندىلا، بۇ مەزگىلگە بىمالال تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.

دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر

1.ھەيز قالايمىقانلىشىدۇ، ھەيز دەۋرى ئۇزىرايدۇ، ھەيز مىقدارى ئازىيدۇ، ئاخىرىدا ھەيز توختايدۇ.

2.ئادەم كۆپ تەرلەيدىغان، ئىسسىقتىن قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ، يۈزى قىزىرىدۇ، كۆڭلى بىسەرەمجان بولىدۇ، بۇ خىل ئالامەتلەر نەچچە سېكۇنت ياكى نەچچە مىنۇت داۋاملىشىدۇ، بىر كۈندە بىر نەچچە قېتىم ھەتتا ئون نەچچە قېتىم قوزغىلىدۇ. بۇخىل تۇراقسىز ھالەت ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلەردە بىر يىل، بەزىلەردە تېخمۇ ئۇزاق ۋاقىت داۋاملىشىدۇ.

3.كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىدۇ، ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ كۆپ يىغلايدىغان، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

4.جىنسىي يولى قۇرغاقلىشىدۇ.

ئۆز ساقلىقىنى ساقلاش

1.كېلىماكتېرىيە مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۇيقۇسى ياخشى بولمايدۇ، ئامال بار ئۇيقۇ دورىسى يېمەسلىك، باشقا ئاماللار ئارقىلىق ئۇيقۇنى ياخشىلاش كېرەك؛ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر نەرسە يېمەسلىك، زىيادە ھاياجانلانماسلىق، ئۇخلىغاندا چىراغنى ياندۇرۋالماسلىق كېرەك؛ تىنچقىنە يېتىپ، كۆزنى ئاستاغىنە يۇمۇپ، پۈتۈن بەدەننى ئەركىن قويۇۋېتىش كېرەك.

2.ئۆي يورۇق بولۇشى، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكى مۇۋاپىق بولۇشى، ئۆي پاكىز، رەتلىك بولۇش كېرەك.

3.ئالما، نەشپۈت، شوخلا، گۈلسامساق، ئاق مۇئېر، نېلۇپەر ئۇرۇقى قاتارلىق مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان، ياڭاق، لۇڭيەن، ھەسەل قاتارلىق يۈرەك-مېڭە قان تومۇرلىرىغا پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولىدۇ.

4.پۇتتىكى پەللىلەرنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق كېلىماكتېرىيە مەزگىلىدىكى بىئاراملىقنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ساۋاتى

   كېلىماكتېرىيە مەزگىلىدىكى ئاياللار ئەڭ ياخشىسى يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە بىر قېتىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈش ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەكشۈرتۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكشۈرتۈشلەرنى قىلىشى كېرەك. ئادەتتە ئاق خۇن بىنورمال بولسا، جىنسىي يولدىن قالايمىقان قان كەلسىمۇ ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

«ئاياللار ساغلاملىقىغا دائىر بىلىملەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى