تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى خىزمەت ئەترىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن 19-قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلدى

    ئۆز خەۋىرىمىز: دۆربىلجىن ناھىيەسىدە ھەرقايسى يېزا-بازار، مەيدانلاردا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى نەزەرىيىۋى بىلىم ئاساسى پۇختا بولۇش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلدى.

    «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ناھىيە ئەتراپىدىكى سەنلىجاڭ كەنت ئاھالىسى جاڭ خۇ، ليۇشۈليەن ئائىلىسىگە بېرىپ، ئۇلارغا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدىكى «يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغاقويۇش»قا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى چۈشەندۈردى. ئۇلار 500نەچچە مو يەرگە كۆممىقوناق تېرىغانىدى، بۇ يىل ئۇلار كۆممىقوناق سېتىۋېلىش كارخانىلىرى بىلەن توختام ئىمزالاپ، ياخشى مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولغانىدى.

   دۆربىلجىن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى ۋاڭ پېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش داۋامىدا ئاساسلىقى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يۇرتداشلارغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، يۇرتداشلارنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ۋاقتىدا ئىگىلەشكە، يۇرتداشلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا ئالاقىدار سىياسەتلەردىن پايدىلىنىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلىدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى