گىلەمدىكى ئىزنى يوقتىشنىڭ چارىسى
ئائىلە جابدۇقلىرى گىلەمنى بېسىپ ئويۇق ئىز پەيدا قىلىپ قويسا، ئىسسىق سۇغا چىلانغان لۆڭگىنى سىقىۋېتىپ بېسىلغان ئىزغا يەتتە-سەككىز مىنۇت نەمدىگەندىن كېيىن، چاچ قۇرىتىدىغان شامالچە بىلەن پۈۋدىگەچ، يۇمشاق چوتكىدا چوتكىلاپ بەرسىڭىز ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىدۇ.
زىننەت بۇيۇملىرىنى يېڭى پېتى ساقلاشنىڭ چارىسى
زىننەت بۇيۇملىرى ئۇزۇن مۇددەت ساقلانسا پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ. بۇ چاغدا زىننەت بۇيۇم قۇتىسىغا بىر خالتا قۇرۇتقۇچ سېلىپ قويسىڭىز، زىننەت بۇيۇملىرىڭىزنى ئەسلىدىكى ھالىتىدە ساقلىيالايسىز، چۈنكى قۇرۇتقۇچ ئارتۇقچە نەملىكىنى ئۆزىگە سۈمۈرۈۋالىدۇ.
ناۋاتنى سۇندۇرۇشنىڭ ئاسان چارىسى
بىر قولىڭىزدا بېگىزنى ياكى پولات مىخنى ناۋاتنىڭ قىر ئارىلىقىغا توغرىلاپ تۇتۇپ، يەنە بىر قولىڭىزدا بولقا ياكى شۇنىڭدەك نەرسە بىلەن بېگىزنى يېنىك قاقسىڭىز، ناۋات ئۇۋالماي ئاسان پارچىلىنىدۇ.
«پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى