تەڭرىتاغ تورى   ›   سۈرەت

خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر چارۋىچىلارنى كۆكتات بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى

خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كۆكتات پەرۋىش قىلماقتا.

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: چەرچەن ناھىيەسىنىڭ قۇراملىق يېزىسى ئاقيار كەنتى قارا قۇرۇم باغرىدىكى دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 3000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغلىق كەنت بولۇپ، بۇ كەنتتىكىلەر تارىختىن بۇيان پارنىكتا كۆكتات تېرىمايتتى، كۆكتاتنى 86 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيە بازىرىدىن ئېلىپ چىقاتتى. چەرچەن ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىدىن بۇ كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار بۇ يىل 200 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە پارنىك ياساپ، يېسىۋېلەك، كەرەپشە، مۇچ، شوخلا قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىپ، تېخنىكىلىق باشقۇرۇپ، ئالغان ھوسۇللىرىنى كەنتتىكى چارۋىچىلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى