تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئالاھىدە پەيتتىكى ئالاھىدە خۇشخەۋەر

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەمەت تۇراپ

  پۈتۈن مەملىكەت خەلقى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى يېپىلغان كۈنى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىدە ئالاھىدە بىر يىغىلىش بولدى. بۇ يىغىلىشتا جاي كەنتىگە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن ئىككىنچى تۈركۈمدە ‹‹جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالاھىدە كەنتى›› دەپ شەرەپلىك نام بېرىلگەنلىكى، بۇ شەرەپلىك نامنىڭ جاي كەنتىنىڭ يەنىمۇ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقى جاكارلاندى. ئالاھىدە چاغدىكى بۇ ئالاھىدە خۇش خەۋەر جاي كەنتىدىكىلەرگە شادلىق ئاتا قىلدى.

  جاي كەنتى 300 يىلدىن كۆپرەك تارىخى بار چالغۇ ياساش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كەنت بولۇپ، ئىلگىرى بۇ كەنت مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇدا نەچچە قېتىم ‹‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى››نى قوغداش تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن ئورۇن ۋە ‹‹ئەل ئىچى مەدەنىيەت سەنئەت(چالغۇ ياساش) يۇرتى››؛ ھېيت ئىمىن، نۇردۇن ئىسمائىل قاتارلىق داڭلىق چالغۇ ياساش ئۇستىلىرى ‹‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋارىسى›› دەپ نام ئالغانىدى. بۇ كەنت يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، بۇ ئالاھىدىلىكىنى ۋە داڭلىق ئۇستىلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى. كەنت ئىككى كومىتېتى تەرەققىيات پىلانىنى تۈزگەندە، چالغۇ ياساش ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلغان ھالدا ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇ كەنت جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۈي شەھىرىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت مەخسۇس تۈر مەبلىغى ۋە ناھىيە مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان مەبلەغدىن پايدىلىنىپ، كەنتتىكى 299 ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ ۋە ھويلىلىرىنى ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ئەمىن ئۆي قىلىپ سالدى. كەنتنىڭ چالغۇ ياساش ئۇستىلىرى قوشۇنىنى زورايتىش ئۈچۈن ھەر يىلى ناھىيە مالىيەسىنىڭ 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئون ئوقۇغۇچىنى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن مىللىي چالغۇ ياساش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىدى. ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ لىشۈي شەھىرى بىلەن توقسۇ ناھىيەسى جاي كەنتىنى قوللاپ 10 مىليون 350 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، بۇ كەنتتە مىللىي ئۆرپ – ئادەت ساياھەتچىلىك مەنزىرە رايونى قۇرۇپ تىجارەتكە كىرىشتۈردى. بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 200 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، كۈسەن مەدەنىيىتىنى كۆرگەزمە قىلىش مەركىزى، مىللىي چالغۇلارنى كۆرگەزمە قىلىش مەركىزى، چالغۇلارنى سېتىش زالى، ساياھەت قىلىش ۋە مال سېتىۋېلىش كوچىسى، ساياھەتچىلەر ئارام ئېلىش ئورنى، ئالاھىدە يېمەك – ئىچمەك، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى. بۇ كەنت بۇ يىل ناھىيەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، چالغۇلارغا ‹‹مۇڭلۇق كۈي – جاي›› ۋە ‹‹شىنجاڭدىكى چالغۇ شاھى›› دېگەن تاۋار ماركىلىرىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، كەنتتە ھەپتىدە بىر كۈن بازار قىلىپ چالغۇلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن جاي كەنتىنىڭ داڭقى مەملىكەت ئىچى – سىرتىغا تارالدى. ھازىر بۇ كەنتتىكى 299 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ 106 سى دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدا دۇتار، ساتار، تەمبۇر، راۋاب، داپ، قالۇن قاتارلىق ئون نەچچە خىل چالغۇ ياساپ، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەر ۋە فىرانسىيە، گېرمانىيە، كورېيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يىلىغا 20 مىڭدىن كۆپرەك چالغۇ سېتىپ چىقىرىدىغان بولدى.

  جاي كەنتى كۈندىن – كۈنگە يۈكسىلىۋاتقان مۇشۇنداق ياخشى پەيتتە، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بۇ كەنتكە ئىككىنچى تۈركۈمدە ‹‹جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالاھىدە كەنتى›› دەپ شەرەپلىك نام بېرىشى گۈل ئۈستىگە گۈل چېكىلگەندەك ئىش بولدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قاسىم نۇرى مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە نوپۇس كۆپ، تېرىلغۇ يەر ئاز بولغاچقا، چالغۇ ياساش كەسپى كەنتىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يول بولۇپ قالدى. كەنتىمىزدىكى چالغۇ ياسايدىغان 106 ئائىلىلىك دېھقان بەش يىل بۇرۇن يىلىغا 10 مىڭدىن كۆپرەك چالغۇ ياساپ سېتىپ، ھەربىر ئائىلە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭ يۈەندىن كىرىم قىلغان بولسا، ھازىر يىلىغا 40 مىڭدىن كۆپرەك چالغۇ ياساپ سېتىپ، ھەربىر ئائىلە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 مىڭ يۈەندىن كىرىم قىلالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى. بۇ يىل يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرغان ئائىلە 50 تىن، 100 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرغان ئائىلە ئوندىن ئاشتى. يېقىندا لىشۈي شەھىرىدىكى بىر تۈركۈم كارخانىچىلار كەنتىمىزگە كېلىپ چالغۇ ياساش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن 300 مىڭ يۈەنلىك چالغۇ سېتىش – سېتىۋېلىش توختامى ۋە چالغۇ ئۇستىسى ھېيت ئىمىن بىلەن 80 مىڭ يۈەنلىك چالغۇ سېتىش – سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى. ھەر كۈنى كەنتىمىزنى زىيارەت قىلىدىغان ساياھەتچى 70 تىن ئېشىپ، كەنتىمىزنىڭ ساياھەت كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. كەنتىمىزنىڭ بۇ قېتىم يەنە ‹‹جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالاھىدە كەنتى›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىشى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى يېپىلىپ، جايلاردا قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغالغان پەيتتە بىزگە بېرىلگەن كاتتا سوۋغات بولدى. ئىشىنىمەنكى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ تۈرتكىسىدە كەنتىمىزنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى ساياھەت ئەۋزەللىكىگە، ساياھەت ئەۋزەللىكى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلىنىپ تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى