تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق بولىمەن

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئارزۇگۈل ئادىل

شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىملىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم، ھەرقايسى مىللەتلەر ھەمكارلىشىپ مۇداپىئەلىنىدىغان، ئورتاق راۋاجلىنىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى چىن كۆڭلۈمدىن قەدىرلەپ كەلدىم، شۇنداقلا مىللەت ۋە دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ھە دەپ ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقان «ئۈچ خىل كۈچ»تىن قاتتىق نەپرەتلەندىم. مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھازىرقى ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەيمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىمەن.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدا: پۈتۈن پارتىيە پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار خىزمەتتە، تۇرمۇشتا ئۈلگە بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەڭ ياڭراق ئاۋازىمىز، ئەڭ قەتئىي مەيدانىمىز ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىشىمىز، كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى باتۇرلۇق بىلەن ئېچىپ تاشلاپ، تەنقىدلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.

  ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن. مەن ئاقسۇدا تۇغۇلغان، ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ ھەر مىللەت دوستلار بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئويناپ چوڭ بولدۇم. ھېيت-بايراملاردا ئۆزئارا ھېيتلىشىپ، ئۆزئارا ئەھۋال سورىشاتتۇق؛ مەيلى چوڭلار ياكى كىچىكلەر بولسۇن، ئۆزئارا سىڭىشىپ، ئىشىنىپ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتەتتۇق. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئوخشاشمىغان مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى تۇرمۇشىمىزنى بېيىتقانىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانىدى. ۋەتىنىمىزنىڭ ئىللىق باغرىدا، مەن ھەر مىللەت دوستلار بىلەن بىللە ئۆسۈپ چوڭ بولدۇم، ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقى ۋە پارتىيە تەشكىلىنىڭ غەمخورلۇقى بولمىغان بولسا، بىزنىڭ بۈگۈنىمىز بولمىغان بولاتتى. دۆلەت بولمىسا ئائىلىمىز بولمايتتى، بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك كۈنلىرىمىزمۇ بولمايتتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان ساداقىتىمىزنى، ۋەتەنگە، خەلققە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

  باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا يېتەكلەيمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا نۇرغۇن يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى. پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى، سىياسەتنى، قانۇن-تۈزۈمنى تەشۋىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممەمگە ئالىمەن، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندەك چىن دىلىمدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ چىرىتىشىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغداپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرىمەن.

  ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تازىلايمەن. شۇنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەككى، كادىرلار قوشۇنىمىزدا پارتىيەگە ساداقەتسىز، تەشكىلگە سەمىمىيەتسىز بولغان، سىياسىي مەيدانى تەۋرىنىپ قالغان، سىياسىي ئىنتىزامى بوشاڭ بىر قىسىم «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مەۋجۇت، ئۇلار ئاستىرتىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە، ئەڭ قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق نازارەت قىلىپ، نازارەتچىلىك قىلىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلارنى كادىرلار قوشۇنىدىن قەتئىي يوقىتىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە ياشاش بوشلۇقى ۋە تۇپرىقى قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى