تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

يېڭى دەۋرنى خاتىرىلەپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمەن

  شىنجاڭ گېزىتخانىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر تېگىس زەيبېك

مەن جىمىنەي ناھىيەسىدىكى بىر ئاددىي قازاق ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۆگىنىش ۋە خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە تەدرىجىي بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. ئۆمرۈمدە ئەڭ پەخىرلىنىدىغىنىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەنلىكىم، ئەڭ مەمنۇن بولىدىغىنىم دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىپ ئىشلىتەلەيدىغان بولغانلىقىم بولدى. ئاخبارات سېپىدە خىزمەت قىلغان نەچچە ئون يىل مابەينىدە، شىنجاڭدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردۈم ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇم. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىدە تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولدى. مەن خىزمەت جەريانىدا «پارتىيەنىڭ مېھرى ئاتا- ئانىنىڭ مېھرىدىنمۇ چوڭقۇر»، «ۋەتەن ئۈچۈن سوققان يۈرەك»، «ئاقماش بېيجىڭغا ئاتلاندى» قاتارلىق نۇرغۇن ئاخبارات ئەسەرلىرىنى يازدىم، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، گۈزەل يۇرت- ماكاننى قوغداپ، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىغا ئائىت كۆپلىگەن ئاخبارات ئەسەرلىرىنى تەھرىرلەشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسىنى، ھىمايە قىلىش ساداسىنى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسىنى، مەسئۇلىيەت ساداسىنى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتىكى ھەققانىيەت ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردۈم.

  ھازىر شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ بىز ئاخباراتچىلارغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. ئۇزاق مەزگىل ئاخبارات سېپىدە خىزمەت قىلغان پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق ئاخبارات خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاچقۇچلۇق پەيتتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باشلامچىلاردىن، زەربىدارلاردىن بولۇش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار.

  ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى بىرىنچى تەلەپ قىلىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىدىيە جەھەتتە يادرونى تونۇيمەن، سىياسىي جەھەتتە يادرونى قوغدايمەن، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنىمەن، ھەرىكەت جەھەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جوڭگۇچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، سىياسىيونلار گېزىت چىقىرىش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەيمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان كۆيۈنۈشى ۋە غەمخورلۇقىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىمەن. سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تۈرلۈك خاتا قاراشلارغا بايرىقىم روشەن ھالدا قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇنى چەكلەيمەن. سىياسىيدا، مەزمۇندا، تەرتىپتە، تېخنىكىدا ئۆتكەلنى، سالماقنى ياخشى ئىگىلەپ، ئاخبارات جامائەت پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئىشەنچلىكلىكىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىمەن؛ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا پائال ئاتلانغانلىقىدەك جانلىق ئەمەلىيەتنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا يېتىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىمەن. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىققا مەدەت بېرىشتە، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەشۋىق- تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمەن. پارتىيە گېزىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىدىكى ماقالىلىرىنىڭ ئۆتكىلىنى ئىگىلىگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، تۈرلۈك خاتا ئىدىيەلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا، تار مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىماي، ئالدىدا بىرخىل، كەينىدە بىرخىل بولىدىغان، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن ئۆز بىلگەنچە ئىش قىلىدىغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، مۇجمەل قاراشلار ئالدىدا كۆز قارىشىمنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ، خاتا قاراشلار ئالدىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن.

  مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىيدا زېرەك، ئېتىقادتا قەتئىي، ھەرىكەتتە ئاڭلىق، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان، ئىستىلدا ئەمەلىيەتچىل، تۇرمۇشتا پاك ئادەم بولىمەن، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋرنى خاتىرىلەپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى مەدھىيەلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش زەپەر مارشىنى ياڭرىتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى