تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىننەتدارلىق قەلبىم بىلەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن

  شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر قەيسەر ئابدۇكېرىم

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ئارقىلىق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشقاندىلا، ئاندىن بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ غايەت زور كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان غەمخورلۇقىغا گۇۋاھ بولدۇم، شۇڭا چوقۇم پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، پارتىيە ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويدى، نەتىجىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى. ھەر مىللەت ئامما پارتىيەگە چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭدى.

  ــ ساداقىتىم ئارقىلىق مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. غايە، ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، تەۋرەنمەيمەن. سىياسىي سەزگۈرلۈكۈمنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە سەگەك ۋە قەتئىي بولۇپ، خاتا گەپ- سۆزلەرگە قۇلاق سالمايمەن، خاتا گەپ- سۆزلەرگە ئىشەنمەيمەن، خاتا گەپ- سۆزلەرنى تارقاتمايمەن، بارلىق سۆز- ھەرىكىتىمدە پارتىيەگە سادىق بولۇپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق بىلەن بىر مەيداندا تۇرىمەن. ھەر قانداق ۋاقىتتا مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرىمەن؛ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قەتئىي ئەمەلىيەتچىلىرى، ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگۈچىلىرىدىن بولۇپ، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ھېچقانداق پۇرسەت بەرمەيمەن.

  − ئىنتىزامغا بويسۇنۇش ئارقىلىق مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆتتە بىردەك بولۇش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا ۋە ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن، پوزىتسىيەمنى قەتئىي قىلىمەن؛ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق بويسۇنىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى قەتئىي ئاڭلاپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايمەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، خالىس تۆھپە قوشىمەن، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئالىمەن، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولىمەن، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىمەن، سىياسىي ئېتىقادنى ئۆزگەرتمەسلىك، سىياسىي مەيداندا تەۋرەنمەسلىك، سىياسىي يۆنىلىشتە ئېغىپ كەتمەسلىككە باشتىن- ئاخىر كاپالەتلىك قىلىمەن.

  − ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. ھەر دائىم يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، تىلىم بىلەن دىلىمنى، سۆزۈم بىلەن ھەرىكىتىمنى قەتئىي بىردەك قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىكى ئۈلگىلەردىن بولىمەن. «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆگىنىشى ۋە ياردەم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. پارتىيەنىڭ مائارىپ بازىسىنى ياخشى قوغداپ، ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە تونۇشتا مۇجمەللىك قىلمايمەن، پوزىتسىيەدە سۇسلۇق قىلمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن.

  − يېتەكلەش ئارقىلىق مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، راست گەپ قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان سىياسىي ساپا ۋە خىزمەت ئىستىلىم بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، ئۇلۇغ ۋەتەنگە ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، سۆز- ھەرىكىتىم ئارقىلىق باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىمەن ۋە باشقىلارنى تەربىيەلەيمەن، ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتىم ۋە قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان چەكسىز ساداقىتىم بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە، شىنجاڭنى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى