تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەدەنىي نەشپۈت شەھىرى ئۇدا شەرەپ قۇچتى

  ــ كورلا شەھىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتا ئۇدا تۆت نۆۋەت شەرەپ قۇچقانلىقى توغرىسىدا

  شىن ۋېنمىڭ

  كورلا شەھىرى شىنجاڭنىڭ بىپايان، كەڭ زېمىنىدىكى جۇلالىنىپ تۇرىدىغان مەرۋايىتقا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

  1979 – يىلى يېڭىدىن شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان كورلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئىللىق شامىلىدا تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى. 1996 – يىلى 1 – ئايدىن باشلاپ، كورلا شەھەرلىك ئۈچ نۆۋەتلىك پارتكوم سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنى مۇھىم قارالما كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزدى.

  كورلا شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيلىكنىڭ يالغۇز بىر خىل قىممەت يۈزلىنىشى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئىچكى مەنبەلىك ئامىل، شەھەرنىڭ ئەڭ مۇھىم يادرولۇق رىقابەتلىشىش كۈچى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.

  مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش يولغا قويۇلغان 21 يىلدىن بۇيان، كورلا شەھىرى كىچىكلىكتىن كېڭەيدى، قاقاسلىقتىن يېشىللاشتى، يېشىللىقتىن گۈزەللەشتى، ئەمگەكچان، ئەقىل – پاراسەتلىك كورلىلىقلار ‹‹قالاق ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، پارلاق كەلگۈسىگە قەدەم قويۇش››تەك جاسارەت بىلەن، ئىلگىرىكى باياۋاندىكى كىچىك بازارنى ئېكولوگىيە گۈللۈكى ۋە زامانىۋى پۇراققا ئىگە مەدەنىي شەھەرگە ئايلاندۇردى.

   ھەممە كىشى قاتنىشىدىغان، مەدەنىيلىكنى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەندى

  مەدەنىيلىك كورلا شەھىرىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىنتىلىشىگە ئايلىنىپ، خەلقنىڭ زور قىزغىنلىقى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يانغىنىنى تۇتاشتۇردى، مەدەنىيلىك گۈللىرى كورلا شەھىرىدە پورەكلەپ ئېچىلدى.

  كورلا شەھىرى ھەر يىلى 4 – ئاينىڭ 2 – كۈنىنى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش سەپەرۋەرلىك كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، ئومۇمىي خەلق مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ، بىرلىكتە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ بۇرغىسىنى ياڭراتتى. ھەر يىلى مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى، ھەر قايسى ئورۇن، تارماقلار مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنىڭ تولۇق قاپلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ دەسلىپىدە، پۈتۈن شەھەردىكى قاتناش ساقچىلىرى ھەر كۈنى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا بىردىن كىچىك قىزىل چېلەك ئېلىۋېلىپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندىن سىرت تاماكا قالدۇقى، قەغەز پارچىسى، مېۋە شۆپۈكى قاتارلىقلارنى تېرىدى. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ كىچىك قىزىل چېلەك قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قاراۋۇلخانىسىدىن مەھەللە، خەلق مەيدانى، باغچە، چوڭ – كىچىك كوچىلارغىچە، ھەتتا ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارغىچە كېڭەيدى، مانا بۇ، كورلىلىقلار پەخىرلىنىپ سۆزلەيدىغان مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتىكى ‹‹ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش››تەك ‹‹كىچىك قىزىل چېلەك›› روھى، بۇ روھ كورلىلىقلارنىڭ مۇھىتنى ئاڭلىق قوغداش، يۇرت – ماكانىنى سۆيۈشتىكى مەدەنىيلىك ساپاسىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  ئىجتىمائىي مۇھىت مەيلى قانچىلىك ئۆزگەرسۇن، كورلا شەھىرى مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتا خەلققە تايىنىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىدە ‹‹ئورتاق پىلانلاش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق باشقۇرۇش، ئورتاق باھالاش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشتا ‹‹ھۆكۈمەتكە تايىنىش››تىن ‹‹كۆپچىلىككە تايىنىش››قا يۈزلەندى.

  بوشاشماي ئېرىشىش ئارقىلىق ئاخىر مول نەتىجە يارىتىلدى. 13 يىل بوشاشماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، كورلا شەھىرى ‹‹مۇھىتنى تۈزەش، شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش››، ‹‹ساپانى ئۆستۈرۈش، ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇش››، ‹‹شەھەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەش، ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىش››، ‹‹ئىناقلىق بەرپا قىلىش، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش››، ‹‹مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك، دائىملىق ھالەت بولۇش››تىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك تەرەققىياتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئارقا – ئارقىدىن مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر، دۆلەت بويىچە پاكىز شەھەر، جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى، جۇڭگودىكى ئون ياخشى جەلپكار شەھەر قاتارلىق ئون نەچچە تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك شەرەپكە ئېرىشكەندىن كېيىن، 2009 – يىلى ‹‹مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر›› دېگەن نامغا ئېرىشتى ھەم غەربىي شىمال رايونىدا بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن بىردىنبىر شەھەر بولۇپ قالدى.

  كورلا شەھىرى 2017 – يىلى 11 – ئايدا مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتا ئۇدا تۆتىنچى قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ئالدىدا ماڭدى.

  مەدەنىي كىشىلەر ئارقىلىق ئەخلاقنى قەدىرلەيدىغان، سەمىمىيلىككە ئىنتىلىدىغان شەھەر كەيپىياتى يېتىلدۈرۈلدى

  مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەدەنىي كىشىلەرنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. كورلا شەھىرى ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەلەش جەريانىدا يېتىلدۈرۈپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرۈپ، باشقۇرۇش جەريانىدا كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش جەريانىدا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈردى ۋە يۈكسەلدۈردى.

  ـــ ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئېلانى ئۈن – تىنسىز تەسىر كۆرسەتتى. كورلىنى سەيلە قىلسىڭىز، مەيلى مەيدان، باغچە ياكى چوڭ – كىچىك كوچىلاردا بولسۇن، ‹‹مەدەنىي بولۇش، يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇش›› تېمىسىدىكى پاراۋانلىق ئېلانلىرى ۋە ‹‹ئەدەپ – ئەخلاقلىق بولۇش›› توغرىسىدىكى ئەسكەرتىش تاختىلىرىنى كۆرەلەيسىز، بۇلار كىشىلەرگە ئەخلاقنىڭ كۈچىنى يەتكۈزدى.

  ـــ ‹‹مەدەنىي بولۇش، يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇش›› ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى. مەدەنىي غىزالىنىش، مەدەنىي يول يۈرۈش، مەدەنىي ساياھەت قىلىش، مەدەنىي تورغا چىقىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەرىكەت مەدەنىيلىكنى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندۇردى.

  ـــ ‹‹تۆت ئەخلاق قۇرۇلۇشى›› ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئىجتىمائىي ئەخلاق، كەسىپ ئەخلاقى، ئائىلە ئەخلاقى، شەخسىي ئەخلاق باش تېما قىلىنىپ، ئەخلاق دەرسخانىسى ئېچىش، ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق شەھەر روھى يارىتىلىپ، شەھەر ئەخلاقى يېتىلدۈرۈلدى.

  ـــ مەدەنىي ھۈجەيرە بەرپا قىلىش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. مەدەنىي يېزا – بازار، مەدەنىي كوچا، مەدەنىي ئائىلە، مەدەنىي مەكتەپ قاتارلىق بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، مەدەنىي يېڭى ئىستىلنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىناق كىشىلىك مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈلدى.

  ـــ پىدائىيلار مۇلازىمىتى جەمئىيەتتە ئاكتىپ كۈچ تارقاتتى. تۈزۈم كاپالىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش، كۇرسلۇق مەھسۇلات ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلدى، بۇ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ پائال قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدى، پىدائىيلار قوشۇنى داۋاملىق زورىيىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

  بىر شەھەرنىڭ ئەخلاق مۇھىتىنىڭ قويۇق بولۇشىنى جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى ئاددىي پۇقرالار بەلگىلەيدۇ، ئۇلار تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈپ، شۇ شەھەرنى ئەخلاقنى قەدىرلەش، سەمىمىيلىككە ئىنتىلىشتىكى ئۈلگىگە ئايلاندۇرىدۇ.

  30 نەچچە يىل ئەسكەر بولغان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ۋاڭ چېڭباڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، خالىسانە مىليون تۈپكە يېقىن كۆچەت تىكتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى.

  ما شىشيۇڭنىڭ ‹‹لېي فېڭدىن ئۆگىنىپ ياخشى ئىش قىلىش››نى داۋاملاشتۇرۇۋاتقىنىغا نەچچە ئون يىل بولدى، ئۇ مەھەللىدە ‹‹مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش قىزىل كارىدورى›› بەرپا قىلىپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى، 80 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان ما شىشيۇڭ ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە بەش يۇلتۇزلۇق پىدائىي›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

  ...

  خەلققە نەپ يەتكۈزۈلۈپ، خەلق مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنىڭ مول نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى

  تۇرمۇش شەھەر بىلەن گۈزەل بولىدۇ، شەھەر مەدەنىيلىك بىلەن گۈزەل بولىدۇ. مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش كورلىنى كۆپكۆك ئاسمان، زۇمرەت سۇغا ئىگە تاغ – دەريا شەھىرى، قولايلىق شەھەر، بەختلىك شەھەرگە ئايلاندۇردى.

  كورلا شەھىرى 21 يىلدىن بۇيان خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹خەلق ئۈچۈن بەرپا قىلىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش›› ئىدىيەسىنى پۇختا ئىگىلەپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنى پۇقرالارغا بەخت يارىتىشتىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇردى.

  كورلا شەھەرلىك پارتكوم 2016 – يىلى مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنى داۋاملىق تۈردە ‹‹شىنجاڭدىكى زامانىۋىلاشقان رايون خاراكتېرلىك مۇھىم مەركىزىي شەھەر›› قۇرۇشتىكى 1 – تۇتقا قىلىپ، بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتمىدى، ئىرادىدە تەۋرەنمىدى، بەرپا قىلىش سالمىقىنى بوشاشتۇرمىدى، بەرپا قىلىش قەدىمىنى توختاتمىدى. كورلا شەھىرى ‹‹ئەجدىھا تاغ روھى››نى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كورلىنىڭ شىمالىدىكى ئېكولوگىيە قوغداش كارىدورى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەرنى قوغداش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن پىلانلاپ ۋە قۇرۇپ، شەھەر سىرتىدا ئېكولوگىيە كارىدورى، شەھەر ئىچىدە سۈنئىي ‹‹يېشىل ئۆپكە›› بەرپا قىلدى.

  يېڭى دەۋر، يېڭى ئىدىيە، يېڭى نىشان، يېڭى مۇساپە. كورلا شەھىرى 19 – قۇرۇلتاينىڭ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەۋقەنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، يېڭى يۈكسەكلىكنى كۆزلەپ، يېڭى مەنزىلگە ئاتلىنىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدا مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتا داۋاملىق ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئەخلاقنى قەدىرلەيدىغان، سەمىمىيلىككە ئىنتىلىدىغان، مەدەنىيىتى قويۇق، ئىناق، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى