شىنجاڭ تورى خەۋىرى : ئىگىلىنىشىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈرىنىڭ قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتى يېقىندا ئاخىرلاشقان، ئارخېئولوگلار قېزىش خىزمىتى جەريانىدا شىنجاڭدىكى ئەڭ قەدىمكى قەبرىنى بايقىغان، بۇ قەبرە بۇنىڭدىن تەخمىنەن 4900 يىل بۇرۇنقى قەبرە ئىكەن.
شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى رۇەن چيۇۋرۇڭنىڭ دېيىشىچە، 5-مايدىن 28-ئىيۇلغىچە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش فاكۇلتېتى بىلەن شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن ئارخېئولوگىيە ئەترىتى دۆڭمازاردىن ناراتقىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى بويلاپ، ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغانىكەن.
قەدىمىي قەبرىدىن بۇ قېتىم قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 96 يۈرۈش ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ساپال بۇيۇملار، برونزا قوراللار، تۆمۈر بۇيۇملار، سۆڭەكتىن ياسالغان بۇيۇملار، ئالتۇن بۇيۇملار، مەرۋايىت زىبۇ -زىننەتلەر، تاش قوراللار ۋە مۈڭگۈزدىن ياسالغان قورال -سايمانلار قاتارلىقلار بار بولۇپ، كۆپىنچىسى ئەينى چاغدىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرى ياكى زىننەت بۇيۇملىرى ئىكەن.