تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونىنىڭ شىنجاڭ چېگراسى سىرتىدىكى تۇنجى يېتىشتۈرۈش بازىسى شېنجېندا قۇرۇلدى

  مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 – ئاينىڭ 17 – كۈنى شېنجېندا ئېچىلغان يىپەك يولى يېڭىلىق يارىتىش – تەرەققىيات پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئالتە ئورگاننى شىنجاڭ چېگراسى سىرتىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى يېتىشتۈرۈش بازىسى قىلىپ بېكىتتى ھەم شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونىنىڭ شىنجاڭ چېگراسى سىرتىدىكى تۇنجى يېتىشتۈرۈش بازىسى ـــ شېنجېن ‹‹ۋاڭلەن›› ھەممىباب پەن – تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ۋىۋىسكا بەردى.

  شېنجېن شىنجاڭ چېگراسى سىرتىدىكى تۇنجى يېتىشتۈرۈش بازىسى دىققىتىنى ئىلغار ياسىمىچىلىق، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، ساياھەت، بىيو دورا قاتارلىق ساھەلەرگە قارىتىپ، بەش يىلدىن يەتتە يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا پەن – تېخنىكا ۋە سودا ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشنى ئالاھىدىلىك، ئىختىساسلىقلار ۋە كاپىتال توپلاشنى نەتىجە قىلغان، شىنجاڭنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان شىنجاڭ چېگراسى سىرتىدىكى يېتىشتۈرۈش مەركىزىنى تەدرىجىي قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭغا يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى ۋە پەن – تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىچىلارنى، پەن – تېخنىكا تىپىدىكى بىر تۈركۈم كارخانا ۋە پېيى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتلەرنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدۇ.

  ئىگىلىشىمچە، شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونىنىڭ شىنجاڭ چېگراسى سىرتىدىكى يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىدا، مەملىكەت ئىچىدىكى تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكى بايلىقىدىن پايدىلىنىلىپ، شىنجاڭ چېگراسى سىرتىدىكى يېتىشتۈرۈش بازىسى بەرپا قىلىنىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ چېگراسى سىرتىدىكى يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشى تېزلىتىلىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تېز يېتىشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

  نۆۋەتتە، شېنجېن، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭ چېگراسى سىرتىدىكى ئالتە يېتىشتۈرۈش بازىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ بازىلار سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن كۆزنەك قۇرۇپ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئۈستۈنلۈككە ئىگە رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار، كاپىتال، تۈر قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش – ئىگىلىك تىكلەش بايلىقى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاپ، شىنجاڭنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ۋە پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

  ئىگىلىشىمچە، نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى تىزىمغا ئالدۇرغان پەن – تېخنىكا تىپىدىكى كارخانا 10 مىڭ 714كە يەتكەن. ئاپتونوم رايون كېيىنكى قەدەمدە شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆت تەرەپ ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەتتىكى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كېڭەيتىپ، رايوننىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى