تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹غەرب–غەرب تاشيولى››نىڭ ئېلىمىزدىكى بۆلىكى تۇتاشتۇرۇلدى

  مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 11 – ئاينىڭ 18 – كۈنى دۆلەت يولى 218 – لىنىيەسىنىڭ قورغاس پورتى بۆلىكى تاشيول تۈر قۇرۇلۇشى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، بۇ ئېلىمىز چېگراسى ئىچىدىكى ئومۇمىي مۇساپىسى 3425 كىلومېتىر كېلىدىغان ‹‹غەرب – غەرب تاشيولى›› (ياۋروپانىڭ غەربىي قىسمى ـــ جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى تاشيولى)نىڭ ئېلىمىزدىكى بۆلىكىنىڭ تۇتاشتۇرۇلغانلىقىدىن، شىنجاڭنىڭ شەرق بىلەن بىرلىشىپ، غەربكە چىقىرىشتىكى يول تىرانسپورت ئىقتىدارىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  دۆلەت يولى 218 – لىنىيەسىنىڭ قورغاس پورتى بۆلىكى تاشيول تۈر قۇرۇلۇشى ‹‹غەرب – غەرب تاشيولى››نىڭ مۇھىم تۈرى، شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قاتناش كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ تۈر قۇرۇلۇشى قورغاس پورتىدىكى يېڭى دۆلەت دەرۋازىسى جەنۇبىي بىرلەشمە تەكشۈرۈش رايونىدىن باشلىنىپ، قورغاس شەھىرى چىڭداۋ يولىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە ئاخىرلىشىدۇ، دۆلەت يولى G30 لىنىيەسىدىكى ليەنيۈنگاڭ – قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا يېڭىدىن ياسالغان قورغاس ئىستېرېئولۇق ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت يولى G30 لىنىيەسىدىكى ليەنيۈنگاڭ – قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بىلەن يېڭى دۆلەت دەرۋازىسى ئوتتۇرىسىدىكى تېز سۈرئەتلىك يولنى شەكىللەندۈرىدۇ، تۈرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10.21 كىلومېتىر.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لى جىنۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشى ياۋروپا – ئاسىيانى كېسىپ ئۆتىدىغان ‹‹غەرب – غەرب تاشيولى›› قۇرۇلۇشىدا چوڭ قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنىڭ تولۇق تۇتاشتۇرۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىنى تېزلىتىدۇ، ياۋروپا – ئاسىيا قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ زور تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قورغاس شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خەيجياڭ مۇنداق دېدى: بۇ تۈرنىڭ پۈتۈشى قورغاسنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئەشيا ئوبوروتىدىكى يىغىش – تارقاقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ، قورغاسنىڭ تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىياتسىيە، تۇرۇبا يولىدىن ئىبارەت ‹‹تۆت بىر گەۋدىلەشكەن›› خەلقئارا ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى سىستېمىسىنىڭ تېزدىن شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  قورغاس غەربىي دىيار ‹‹كولدۇرما›› خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى مەمەتجان كېرەم مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ تىرانسپورت تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن سودىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ. مەن رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خېرىدارلىرىم بىلەن چەت ئەلدە تېخىمۇ چوڭ بازار ئېچىشنى كېڭىشىۋاتىمەن.

  ئىگىلىشىمچە، ‹‹غەرب – غەرب تاشيولى›› شەرقتە جۇڭگونىڭ ليەنيۈنگاڭدىن باشلىنىپ، غەربتە رۇسىيەنىڭ ساينىت پېتېربۇرگ ئارقىلىق ياۋروپانىڭ غەربىي قىسمىغا تۇتىشىدىكەن، ئومۇمىي مۇساپىسى 8445 كىلومېتىر، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى مۇساپىسى 3425 كىلومېتىر، رۇسىيە چېگراسى ئىچىدىكى مۇساپىسى 2233 كىلومېتىر، قازاقىستان چېگراسى ئىچىدىكى مۇساپىسى 2787 كىلومېتىر بولۇپ، ‹‹ياۋروپانىڭ غەربىي قىسمى ـــ جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى››نى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش كارىدورى ھېسابلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى