تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

  ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە 26 ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسىدە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىدىن 1 مىليون 100 مىڭ ئادەم(قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

  مۇخبىرىمىز گاۋ ۋانىڭ 11 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ناھىيەلەر سۆھبەت يىغىنى ۋە نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان 26 ناھىيەدە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىدىن 1 مىليون 100 مىڭ ئادەم (قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %45ىنى ئىگىلىگەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، بىر قەدەر مۇكەممەل باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىپ، سىياسەت جەھەتتە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ رولىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنى شەھەر – يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشكە قاتناشتۇرۇشنى سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش دائىرىسىگە تولۇق كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تولۇقلىما بېرىش ئورنىغا مۇكاپاتلاشتىن ئىبارەت مەبلەغ سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەردىن شىنجاڭ ئىچىدە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ۋە نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەردىن يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا مۇكاپات ۋە تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى تېخىمۇ كۆپەيدى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى شىمالىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇردى، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى بۇ يىللىق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى تولۇق ئورۇندالدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىش ئورۇنلىرىنى يارىتىشى كېرەك. ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، ‹‹ھەمراھ زاۋۇت›› قاتارلىق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى ئەندىزىلىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ زاۋۇتلارغا ئورۇنلىشىشىغا ياردەملىشىشى؛ شىنجاڭ ئىچىدە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى شىمالىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمگەك مۇلازىمىتى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارغا تەشكىللىك، كۆلەملىك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى؛ نامرات رايونلاردىكى ناھىيە، يېزا – كەنتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، كەسپىي تەربىيەلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى، تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى، تۇرمۇش تولۇقلىمىسى قاتارلىق تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش – يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر نامرات رايونلاردا ھەر بىر ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى