تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قان ياغلىشىش كېسىلى بارلار...

   ھازىر قان ياغلىشىش كېسىلىگە گىرىپدار بولغانلار كۆپىيىپ كەتتى، بۇ ئەلۋەتتە يېمەكلىك قۇرۇلمىسى بۇزۇلۇشنىڭ نەتىجىسى. ئەمما بۇ كېسەلگە ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىسا يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا قان ياغلىشىش كېسىلى بارلار داۋالىنىش بىلەن بىللە، يېمەك-ئىچمەكتە مۇنداق بەش تەرەپتىن دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ:

  كۈندە بەدەنگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئىسسىقلىققا چەك قويۇش، ھاراق- تاماكىدىن پەرھىز تۇتۇش، چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش، نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش.

  تاتلىق يېمەكلىك، سېمىز گۆش، سېرىق ماي، ھايۋاننىڭ ئىچكى ئەزاسى، قۇرۇق يەل-يېمىش قاتارلىق ياغ ۋە خولىستىرىن مول يېمەكلىكلەرگە چەك قويۇش، تۇزنى ئازايتىش.

  تۇخۇمنىڭ ئېقى، ئورۇق گۆش، قايماقسزلاندۇرۇلغان سۈتكە ئوخشاش سۈپەتلىك ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش.

   ۋىتامىن c خولېستېرىنىنى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى كۈچەيتىپ، قان تومۇر چۈرۈكلىشىش ۋە قان تومۇر قاناشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىدە ۋىتامىن c مول، بولۇپمۇ چىلان، دولانا ۋە ئاپلېسىندا ئەڭ كۆپ. ئۇنىڭدىن باشقا، قارا ئاشلىق بىلەن كۆكتاتتا بار سېلليۇلوزا خولېستېرىننى سۈمۈرۈپ، ئۇنىڭ ھەيدىلىشىگە ھەمدەم بولىدۇ.

  ترىگلىتسېرىدى يۇقىرى ئادەم تاتلىق يېمەكلىكلەرنى تىزگىنلىمىسە  بولمايدۇ، چۈنكى قاندا قەنت كۆپىيىپ كەتسە، ترىگلىتسېرىدقا ئۆزگىرىپ كېسەل تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، گۈمبەمەدەك، قارا قېرىنقۇلاق، باش پىياز، غولپىياز، پۇراقلىق گۈمبەمەدەك، دېڭىز بېلىقلىرى، لامانارىيە، كەرەپشە، لاۋېر، پۇرچاق ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرىنىڭ قاندىكى ياغنى پارچىلاش ئىقتىدارى بار، ھەتتا قارا قېرىنقۇلاق قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

«ساغلاملىق ۋاقتى گېزىتى»دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى