تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىپ، باش نىشانغا يېتىشنى ئىدىيەۋى يېتەكچى، مەنىۋى تايانچ، ئەقلىي كۈچ مەدىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

   چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 11 – ئاينىڭ 20 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنى 11 – ئاينىڭ 17 – كۈنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، سەمىمىي ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى خۇاڭ شۈخۇا، خۇاڭ دافانى يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، بۇ، باش شۇجىنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، باش شۇجىنىڭ ئالىيجاناب داھىيلىق سالاپىتى ۋە ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈش پەزىلىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك، يېڭى ۋەزىيەتتە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ مىزان.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلىپى بويىچە، ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ‹‹ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش›› ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئىدىيە جەھەتتە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، مەنىۋى مەدەنىيلىك بىر دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدىكى تۈپ تايانچ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، مۇھىم نۇقتا جەھەتتە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، شەرھلەشنى كۈچەيتىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، پىرىنسىپنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆز پېتى، ئەينەن ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئېتىقاد جەھەتتە قەتئىي بولۇش كېرەك، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، غايە – ئېتىقاد تەربىيەسىنى چىڭىتىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى مۇستەھكەملەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى يادرولۇق، پۈتۈن پارتىيەدىكى يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ۋاسىتە جەھەتتە ياخشى قۇرۇش كېرەك، مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت – بازار، مەدەنىي ئورۇن، مەدەنىي مەكتەپ قاتارلىق مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى ئىلغارلار ۋە مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاشنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىش كېرەك. بەشىنچىدىن، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش جەھەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، خەلقنى مەركەز قىلىش خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك بەرپا قىلىش ۋاسىتىسى ۋە يوللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان، خەلققە پايدىلىق بولغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. ئالتىنچىدىن، ئىسلاھات جەھەتتە چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك، يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، يېڭى تەلەپلەرنى ئىگىلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقى، جەلپكارلىقى، تەسىرچانلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىش كېرەك.يەتتىنچىدىن، ئالاھىدىلىك جەھەتتە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، باش نىشانغا يېتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى يېتەكچى، مەنىۋى تايانچ، ئەقلىي كۈچ مەدىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. سەككىزىنچىدىن، رەھبەرلىك جەھەتتە كۈچەيتىش كېرەك، پارتىيەنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى باشلامچىلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقى ۋە كۈچىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرغان ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، كەنتتە تۇرۇش، مەسچىت باشقۇرۇش، خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى، ‹‹ئائىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئامانلىقنى ساقلاش، ئائىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ كىرىمنى ئاشۇرۇش›› قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى، ‹‹بىلىمنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان تەقسىمات سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە سىياسەت توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹شەھەر – يېزىلاردا مەھەللىلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى