ئاسىيا مەركىزى تورى خەۋىرى: شىنجاڭلىق مەدەنىي يادىكارلىقلار تەتقىقاتچىسى ۋاڭ يۇڭچياڭ باشچىلىقىدىكى ئارخېئولوگىيە ئەترىتى يېقىندا قومۇلنىڭ ئاراتۈرك ناھىيەسى چېگرىسىدىن يېغىلىق، ئەمىنىيە دەۋرىدىن سۈي، تاڭ سۇلالىرى دەۋرىگىچە تەۋە 12 قەبرىنى قېزىپ چىقتى.
مۇخبىرنىڭ 15-نويابىر شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىقلار تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قەبرىلەر ئاراتۈرك ناھىيەسى تۇخۇلۇ يېزىسىغا جايلاشقان، ئۇنىڭ ئىچىدە تۆت قەبرە تىك كولانغان توپا قەبرە بولۇپ، ئۇنىڭدىن ساپال قاچىلارنىڭ قالدۇقلىرى، خېپېت قاتارلىقلار تېپىلغان. ئارخېئولوگلار قەبرىلەرنىڭ شەكلىگە قاراپ، يېغىلىق ۋە ئەمىنىيە دەۋرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا سەككىز قەبرە ناھايىتى ئۆلچەملىك يۇمىلاق شەكىللىك تاش قەبرە بولۇپ، تاش پارچىلاردىن ياسالغان كىچىك جەسەت ساندۇقى ئۈستىگە تاش قاپقاق قويۇلغان، يېنىدا ئادەمنىڭ سۆڭىكى ۋە ياغاچ كۆمۈر بار بولۇپ، سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگە تەۋە ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن.