تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار سۈت بېزى ياللۇغىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك

  ئۆتكۈر خاراكتېرلىك سۈت بېزى ياللۇغى تۇنجى قېتىم بالا تۇغۇپ بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۇ مىكروبنىڭ ئەمچەك توپچىسىنىڭ زەخمىگە ئۇچرىغان يېرىدىن كىرىپ كېتىشتىن پەيدا بولىدىغان يۇقۇملىنىش.

  نورمالسىز ئىپادىلەر

   1. ئەمچەك چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ، بالا ئېمىتكەندە سۈت راۋان چىقمايدۇ؛ ئەمچەكتە مونەك پەيدا بولىدۇ، تېرىسى قىزىرىپ، قىزىيدۇ، سىلىغاندا مونەكتە سۇيۇقلۇق باردەك تۇيۇلىدۇ، ئېغىر بولغاندا تېشىلىپ، يىرىڭ ئاقىدۇ.

   2. پۈتۈن بەدەن توڭلايدۇ، قىزىتما ئۆرلەيدۇ، بىئارام بولىدۇ، باش ئاغرىيدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، چوڭ تەرىتى قۇرغاقلىشىدۇ.

   ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى

   1. ئانا بالىنى ئېمىتكەندە تازىلىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىشى، ئەمچەك توپچىسىنى دائىم ئىلمان سۇدا يۇيۇپ بېرىشى كېرەك.

   2. ھەر قېتىم بالىغا ئەمچەككە يىغىلغان سۈتنىڭ ھەممىسىنى ئەمدۈرۈۋېتىش، بالا تولۇق ئېمىپ بولالمىسا سۈتنى سىقىپ چىقىرىۋېتىش كېرەك.

   3. بالىغا  ئەمچەك توپچىسىنى چىشلىگۈزمەسلىك، بالىنى ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن لىپتىك تاقاپ، ئەمچەكنى كۆتۈرۈش كېرەك.

   4. سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇشى كەيپىيات بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، ئانا ئىچىنى پۇشۇرماسلىقى، غەم قىلماسلىقى، ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن كۆپرەك سىردىشىپ، كەيپىياتنى تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك.

   ساغلاملىق ساۋاتى

   تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىسى 39 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە بالىنى ئېمىتمەسلىكى كېرەك. ئەھۋالى ئېغىرلار دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، دوختۇرنىڭ ياردىمىدە يىرىڭنى چىقىرىپ، دورا يەپ داۋالىنىشى كېرەك.

«ئاياللار ساغلاملىقىغا دائىر بىلىملەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى