تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   تاغدىن-باغدىن

ئاۋسترالىيەلىك ئانا قىزلىرىنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ئۇلارنى ئېلىپ دۇنيانى ساياھەت قىلدى

بىروك سەددىچىن سېپىلىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
   يەرشارى تورى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيەدىكى باربارا ئىسىملىك 50ياشقا كىرگەن بىر ئانا تۆت يىل ئىلگىرى 12ياشلىق قىزى بىروك بىلەن 10ياشلىق قىزى سامانشانىڭ مەكتەپتە بوزەك قىلىنغانلىقىدىن ھەم ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ئازابلانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، قىزلىرىنى ئېلىپ دۇنيانى ساياھەت قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەكتەپتىكى كۆڭۈلسىزلىك ئۈستىدىن غالىب كېلىش نىيىتىگە كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۆت يىلدىن بۇيان قىزلىرى بىلەن نۇرغۇنلىغان جايلارنى ساياھەت قىلغان.
   يېقىندا ئۇلارنىڭ ساياھەت قىلغاندىكى سۈرەتلىرى توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇن تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئىگىلىنىشىچە، باربارا بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ساياھەتتە قىزلىرىنىڭ ئوقۇشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن توردىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا تاپشۇرۇق ئىشلىتىپ، ئۆگىنىشىنى قىلدۇرغان. ئاچا-سىڭىللارمۇ دەرستىن قالمىغان، تۆت يىل جەريانىدا دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى كۆرۈپ، كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى