يەر شارى تورى خەۋىرى: 20-نويابىر، قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللار101ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. فىللىس جونىس بىلەن ئىرىنىر كىرامپ ئەنگلىيەنىڭ ۋوستېر شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر بۇ قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللارغا تورت تەييارلاپ، ئۇلارغا تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى. تورت ئۈستىگە 101 تال شام قادالغانىدى. فىللىس جونىس بىلەن ئىرىنىر كىرامپ 1916-يىلى 20 -نويابىر توغۇلغان، ئۇلار بىر مەكتەپتە ئوقۇپ، بىر شىركەتتە ئىشلىگەن، ھازىر ئۇلار يەنىلا يۇرتىدا تۇرىدۇ. باشقىلار ئۇلاردىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ سىرىنى سورىغاندا، ئۇلار: «خىزمەتنى تىرىشىپ ئىشلەش، تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى يېيىش» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللار 101ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى
مۇھەررىر:
زۇلخۇمار ئابدۇقادىر
|
مەنبە:
تەڭرىتاغ تورى
2017/11/21 10:51
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.