شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 20-نويابىر تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا 2018-يىلىدىن باشلاپ ھەريىلى 19-ئاۋغۇستنى «جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى» قىلىپ تەستىقلىدى، بۇنىڭ بىلەن كونكرېت خىزمەتلەرنى دۆلەتلىك سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىكى سودىغا ئالاقىدار تارماقلار تەشكىللەپ يولغا قويىدىغان بولدى.
2016-يىلى 19-ئاۋغۇست مەملىكەت سەھىيە ۋە ساغلاملىق چوڭ يىغىنىدا سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم ئورنى ۋە يېڭى دەۋر سەھىيەسىدىكى ساغلاملىق خىزمەت فاڭجېنى ئېنىق بېكىتىلگەنىدى. يىغىندا خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستىراتېگىيەسىنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ھەر تەرەپتىن خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. شۇ سەۋەبتىن «جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى» بېكىتىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ 1 مىليون 100 مىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمەتچىسىگە بولغان غەمخورلۇقى نامايان قىلىنغانىدى.