تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

پارتىيەنىڭ مېنى تەربىيەلەپ ئۆستۈرگەنلىكىگە ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن جاۋاب قايتۇرىمەن

  دۆربىلجىن ناھىيەلىك يول مەمۇرىيىتى–دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسى شەھەر ئەتراپى يېزىسى شىبەت كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئارناۋ نۇرماش

  مەن 2012 – يىلى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن. بۇ يىل 1 – ئايدا دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئەتراپى يېزىسى شىبەت كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئالاقىلەشكۈچىسى بولۇپ تەيىنلەندىم، 8 – ئايدا خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولدۇم. ھەر بىر ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچۇم پارتىيە تەشكىلىنىڭ غەمخورلۇقى، قوللىشى، تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىنىڭ مەھسۇلى. خىزمەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان چېغىمدا، پارتىيە تەشكىلى ماڭا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئىشەنچى ۋە غەيرىتى ئاتا قىلدى، ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت خىزمەتداشلارمۇ ماڭا مەدەت ۋە ياردەم بەردى. شۇڭلاشقا، مەن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنى ئۆمۈر بويى ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىمەن.

  ئاتا – ئانام كىچىكىمدىلا مېنى دۆلەت تىلى ئۆگىنىش كۇرسىغا بەرگەنىدى، مەن باشقا ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئويناپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلدىم، بۇنىڭ بىلەن كىچىكىمدىنلا مەندە ‹‹جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى›› دەيدىغان ئاساسىي قاراش يېتىلدى، بىلىم ئىگىلەپ، دۇنيانى تونۇشتا تېخىمۇ كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە بولدۇم، مەيلى قەيەرگە بارماي، ناھايىتى تېزلا ماسلىشىپ ۋە ئۆزلىشىپ كېتەلەيدىغان بولدۇم. ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشلىرىمنى ئەسلەپ، ھەرۋاقىت ئۆزۈمنى مىننەتدار بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مېنى تەربىيەلەپ ئۆستۈرگەنلىكىگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئەسكەرتىپ تۇرىمەن.

  مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن پارتىيەگە مەڭگۈ ئەگىشىپ ماڭىمەن. مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا ئۆسۈپ چوڭ بولدۇم، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بارلىق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردۈم. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىدى، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ قىياپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، تۈرلۈك ئىشلار ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى كۈندىن – كۈنگە چوڭقۇرلاشتى، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بولىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، قاتناش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ‹‹ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە››نى يۆلەش مېخانىزمى، 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش قاتارلىق سىياسەت – تەدبىرلەر ھەر مىللەت ئاممىغا ئۈزلۈكسىز نەپ يەتكۈزدى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىزگە پارتىيە بەردى. مەن تۇرۇشلۇق شىبەت كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىپ، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىدىن بەھرىمەن بولدى، كەنتتە يېڭىدىن سېلىنغان يەسلى 9 – ئايدا ئېچىلدى، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەت مەركىزى پۈتۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مانا بۇ بىر قاتار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە كەنت ئاھالىسىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

  ساداقەتمەنلىك بىلەن پارتىيەگە مەڭگۈ ئەگىشىپ ماڭىمەن. مەن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكى، يېڭى ۋەزىيەتنىڭ يارىتىلغانلىقىنىڭ نېگىزىدىن ئېيتقاندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ سەپىرىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە تۈپ قوللانمىغا، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىدىغان ئىلمىي تەدبىرگە ئايلاندى. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ساپ قەلب بىلەن پارتىيەگە مەڭگۈ ئەگىشىپ ماڭىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 – قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەر بىر كوممۇنىستنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن تارىخىي بۇرچ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، قايتا سەپەرگە ئاتلىنىپ، مۈشكۈل ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىمەكتە. مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساپ قەلبىم بىلەن پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى