تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئامېرىكا ئالىملىرى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ مۇز تاغنى بايقىدى

 يەرشارى تورى خەۋىرى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا ئېغىرلىقى تەخمىنەن 1 تىرىليون توننا كېلىدىغان چوڭ بىر مۇز تاغنىڭ مۇزلۇقتىن ئايرىلغانلىقىنى بايقىغان، بۇ ھازىرغىچە بايقالغان مۇشۇنداق ھەجىمدىكى ئۈچىنچى مۇز تاغ ئىكەن.

  بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرەتتىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىكى، بۇ چوڭ تىپتىكى مۇز تاغنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، 5800 كىۋادىرات مېتىرغا يېتىدىكەن. بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ مۇز تاغ مۇتەخەسسىسلەرنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماي، يەنە ماتروسلارنىمۇ چۆچۈتكەن. چۈنكى بۇ مۇز تاغنىڭ قېلىنلىقى 190 مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، سۇ يۈزىدىكى ئېگىزلىكىلا 30 مېتىر يەتكەن، بۇ ئېگىزلىك ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى پاراخوتلارنىڭ بۇ مۇز تاغنىڭ مەلۇم قىسمىغا سوقۇلۇپ كەتسىلا چۆكۈپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

   ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مۇز تاغنى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ مۇز تاغ، دېيىشكە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى