تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

19–قۇرۇلتاي روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمەن

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پەرھات توختى

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم سىياسىي ھۆكۈم چىقىرىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچى شەرھلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېپيېڭى قىياپەت بىلەن يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمەن.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇشتا نامايان قىلىمەن. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىق قوينىدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يېپيېڭى تارىخىي مەزگىلگە كىرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. كومپارتىيە بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگو بولمىغان بولاتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمۇ بولمىغان بولاتتى، پەقەت ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭخۇا مىللىتىنى يېتەكلەپ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ شانلىق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالالايدۇ. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قەلبىمدىكى كۈچلۈك پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ۋە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە ئىرادىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، كوممۇنىزملىق ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىسى ۋە ساداقەتمەن ئەمەلىيەتچىسى بولىمەن.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش نىشاننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە نامايان قىلىمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، مەن 19 – قۇرۇلتاي روھىنى داۋاملىق ئەستايىدىل، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، ئىدىيەنى، تونۇشنى، قەدەمنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ھەر ۋاقىت قەلبىمگە پۈكىمەن، زىممەمگە ئالىمەن، ياخشى تۇتىمەن.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى خىزمەتلەرنى پۇختا، ئەمەلىي ئىشلەشتە نامايان قىلىمەن. شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئارقىلىق كاللامنى ھەقىقىي قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇلۇغۋار پىلانغا ئاساسەن، پۇختا ئىشلەش پوزىتسىيەسى، ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلى، ئەمەلىي خىزمەت ئۈنۈمى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمەن.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاممىنى يېتەكلەشتە نامايان قىلىمەن. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، مەن بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆگىنىش ئاساسىدا ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، ھەر مىللەت ئاممىغا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مول مەزمۇنى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرىدىغان تۈۋرۈك ئىكەنلىكىنى ئېنىق سۆزلەپ چۈشەندۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى سىجىل، ئۈزلۈكسىز پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق سۆزلەپ، يىلتىزدىن تۈزەپ، مەنبەدىن تازىلاپ، ئادالەتنى ياقلاپ، ناھەقچىلىكنى يوقىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى