تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى: يول، يىراقتىكى مەنزىل

دۆلەت يولى 315-لىنىيەسى چىڭخەي يۆنىلىشىدىن چاقىلىق ناھىيەسىگە كىرگەندىن كېيىن، ناھىيە بازىرى ئەتراپىدا نۆۋەتتە ياسىلىۋاتقان گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى بىلەن كېسىشىدۇ.

  ئۆز خەۋىرىمىز: گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى ئالتۇنتاغنى كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئالتۇنتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ غەربكە مېڭىپ، يەنە غەربىي شىمالغا قايرىلىپ مىرەنگە يېتىپ بارىدۇ. ئارقىدىن، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شەرقىي گىرۋىكىدە دۆلەت يولى 315-لىنىيەسى بىلەن كېسىشىپ، شىمالدا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى بولغان تېتىما كۆلىگە كىرىدۇ ۋە تارىم دەرياسىنىڭ شىمالى بىلەن مېڭىپ، بىڭتۈەن 2-شىسىنىڭ 33-، 34-تۈەنلىرى ۋە لوپنۇر ناھىيەسىدىن ئۆتۈپ كورلا شەھىرىگە كىرىدۇ.

   گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ ئالتۇنتاغ بۆلىكى يەر شارائىتىنىڭ خەتەرلىكلىكى، ئېگىزلىك ئۈستىگە جايلاشقانلىقى بىلەن كىشىگە مەردانە، جۇشقۇن، گۈزەل تەسىر بەرسە، تۈزلەڭ رايونغا كىرگەن گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى كىشىگە نازۇك، مۇلايىم تۇيغۇ بېرىپ، يولۇچىلارنى رىۋايەتلەردىكىدەك دۇنياغا باشلاپ كىرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تېتىما كۆلى چوڭ كۆۋرۈكى بىلەن يەنە بىرى تۆمۈريول كېسىپ ئۆتىدىغان ئىپتىدائىي توغراقلىق كىشىدە ئۇنتۇلماس تەسىرلەرنى قالدۇرىدۇ.

   تېتىما كۆلىنى كېسىپ ئۆتىدىغان گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى تېتىما كۆلى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 24.558 كىلومېتىر بولۇپ، كۆۋرۈكنىڭ جەمئىي 751 سۈڭگۈچى بار. پىلان بويىچە، كېلەر يىلى مارتتا تېتىما كۆلى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ شىمالىي ئۇچىغىچە رېلىس ياتقۇزۇلىدۇ. تېتىما كۆلى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى پۈتكەندىن كېيىن شىنجاڭدىكى ئەڭ ئۇزۇن تۆمۈريول كۆۋرۈكى بولۇپ قالىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، كۆۋرۈكتە بىر بېكەت تەسىس قىلىنىدىكەن، كەلگۈسىدە كۆپچىلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ تېتىما كۆلىنىڭ چۆچەكلەردىكىدەك گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدىكەن.

گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى تېتىما كۆلىنى كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، تارىم دەرياسى قىرغىقىدا ئاز ئۇچرايدىغان ئىپتىدائىي توغراقلىق رايونىدىن ئۆتۈپ، كورلىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. سۈرەتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى، سول تەرەپتىكى دۆلەت يولى 218-لىنىيەسى.(24-ئۆكتەبىر تارتىلغان سۈرەت)

نۆۋەتتە ياسىلىۋاتقان گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ تېتىما كۆلى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى. (19-ئۆكتەبىر تارتىلغان سۈرەت)

گولمۇد-كورلا تۆمۈريولى ئالتۇنتاغدىن چىققاندىن كېيىن، ئالتۇنتاغ ئېتىكىدە «خۇشال بۇلاق پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى»دىن ئۆتىدۇ (28-ئۆكتەبىر تارتىلغان سۈرەت)  بۇ يەردە بىر بۇلاق بولۇپ، نەچچە ئون كىلومېتىر دائىرىدىكى ياۋا تۆگىلەرنىڭ بىردىنبىر سۇ مەنبەسى. بۇ سۇ مەنبەسىنى ۋە بۇ بويىدىكى بىر كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان ئوت-چۆپلۈكنى قوغداش ئۈچۈن، ئەسلىدە لايىھەلەنگەن 100 مېتىر ئەتراپىدىكى تۈز يول كۆتۈرمە كۆۋرۈككە ئۆزگەرتىلگەن، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ كۆتۈرمە كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى تاغ سىرتىغا 50 مېتىردەك سۈرۈلگەن.

گولمۇد-كورلا تۆمۈريولىنىڭ تېتىما كۆلى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى (3-نويابىر تارتىلغان سۈرەت)

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى