16-نويابىردىن باشلاپ ئۇدا ئىككى كۈن ياغقان قارنىڭ تەسىرىدە شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ قىش پەسلى يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى، قاناس ساياھەت مەنزىرە رايونىمۇ ناھايىتى گۈزەل تۈسكە كىردى.
16 -نويابىر، قاناستا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ℃3 ~ ℃2- قىچە بولدى.
ئەزىم ئېقىۋاتقان دەريادىن ھور كۆتۈرۈلەتتى، دەريا يېنىدىكى قار ئاستىدا قالغان تاشلار يىراقتىن «قار گۈمبىمەدەك»تەك كۆرۈنەتتى. ئەتراپقا يەنە سىنچىلاپ نەزەر تاشلىسىڭىز، قاناس قىشنى كۈتۈۋېلىشقا تولۇق تەييارلانمىغاندەك، تەبىئەت كۈز جىلۋىسىنى يوقاتماي تۇرۇپ ئۇچىسىغا قىشلىق تون ئارتقاندەك قىلاتتى.
قاناسنىڭ قىش پەسلى ئالتە ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى ئۆكتەبىر ئايلىرىدا ئالتۇن كۈز جىلۋە قىلغان گۈزەل تەبىئەت ئاپئاق قار بىلەن ئورىنىپ، تەبىئەتتىكى رەڭلەرنىڭ قانۇنىيەتلىك ئۆزگىرىشى پەسىللەرنىڭ نۆۋەت بىلەن ئالمىشىشىغا گۇۋاھ بولىدۇ.
(تىيانشان تورى، شاۋ لى، ليۇ جيا فوتوسى)