تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى تۇمان پەسلىگە قەدەم قويدى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا 19-نويابىر چۈشتە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، كۆرۈش ئارىلىقى 500 مېتىر ئىچىدە بولدى، قىسمەن جايلاردىكى كۆرۈش ئارىلىقى 50 مېتىرغىمۇ يەتمىدى، بۇ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى. مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە قار يىغىلىپ قېلىپ، ھاۋادىمۇ تەتۈر تېمپېراتۇرا قاتلىمى شەكىللەنگەن، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۇمانلىق پەسىلگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

  18-نويابىر ھاۋا قىسقا ۋاقىت ئېچىلغاندىن كېيىن، 19-نويابىر يەنە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 19-نويابىر قويۇق تۇمانلىق ھاۋارايىدىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى تارقاتتى، بۇ يەنە يېقىنقى 10 كۈندىن بۇيان 2-قېتىم تارقىتىلغان تۇماندىن مۇداپىئەلىنىش ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ھېسابلىنىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈشىچە، قويۇق تۇمانلىق ھاۋارايى 19-نويابىر سەھەردىن سائەت 15:00 كىچە داۋاملاشقان بولۇپ، كۆرۈش ئارىلىقى 500 مېتىر ئىچىدە بولغان. قىسمەن جايلاردا 50 مېتىرغىمۇ يەتمىگەن. سائەت 15:00 دىن كېيىن، شەھەر رايونىدىكى كۆرۈش ئارىلىقى 1000 مېتىردىن ئاشقان.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مۇلازىمەتچىسى دوۋ شىنيىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 17-نويابىر ئۈرۈمچىدە 13.3 مىللىمېتىر قېلىنلىقتا قار يېغىپ، 9 مىللىمېتىر قېلىنلىقتا قار يىغىلىپ قالغان. بۇ قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، 0 سېلتسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولغان، ھاۋا بەك سوغۇق بولمىغاچقا كەڭ دائىرىدە يىغىلىپ قالغان قارلار ئېرىپ، يەر يۈزىگە يېقىن ئارىلىقتا زور مىقداردا سۇ پارىنى شەكىللەندۈرگەن. سەھەر تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ئۈچ سېلتسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، سۇ پارى كىچىك تۇمان تامچىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ھاۋادا تۇمان پەيدا بولغان. سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئۈرۈمچىگە كىرگەندىن كېيىن نىسبەتەن كۈچلۈك تەتۈر تېمپېراتۇرا قاتلىمىنى پەيدا قىلغان، بۇنىڭ بىلەن تۇمان بارا-بارا قويۇقلاشقان.

  ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىلى قىش پەسلى (نويابىردىن فېۋرالغىچە) ئۈرۈمچىدە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىغان كۈن سانى 25 كۈن ئەتراپىدا بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى