يەرشارى تورى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيە سىدنىيدىكى 23 ياشلىق ئىستۇدېنت قىز تارا ۋىتېمەن ساياھەت قىلىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 30 نەچچە دۆلەتكە بارغان. ئۇ داۋاملىق تورغا ساياھەتتە چۈشكەن گۈزەل سۈرەتلەرنى چىقىرىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان ئەگەشكۈچىلەرگە ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن ئىلھاملانغان تارا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ساياھەت قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈشنى ئۆزىنىڭ خىزمىتى قىلىۋالغان.
ئىگىلىنىشىچە، تارا ھەر قېتىم بىر يۈك-تاق ساندۇقىنى سۆرىگىنىچە ئاجايىپ ئۆزگىچە ساياھىتىنى باشلىۋېتىدىكەن. ئۇ سۈرەت تارتىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، قولىدىكى فوتو-ئاپپارات بىلەن ساياھەتتىكى گۈزەل دەقىقىلەرنى تارتىۋالىدىكەن ۋە تورداشلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىدىكەن.