تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى بوئىن 737MAX8 تىپلىق ئايروپىلانى ئۈرۈمچىدە نامايان بولدى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئېلىمىزدىكى تۇنجى بوئىن 737MAX8 تىپلىق ئايروپىلان دۆلەت ئىچىدە 12كۈن ئۇچقاندىن كېيىن، 18-نويابىر ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا نامايان بولدى.

  دۆلەت ئاۋىياتسىيە گورۇھىنىڭ 737MAX8 تىپلىق بۇ ئايروپىلانى 18-نويابىردىن باشلاپ ئۈرۈمچى-بېيجىڭ لىنىيەسىدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، ئاۋىياتسىيە نومۇرى CA1902 ئىكەن، بېيجىڭغا بارىدىغان يولۇچىلار بېلەت زاكاز قىلغاندا بۇ ئايروپىلاننى تاللاپ، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن ھۇزۇردىن بەھرىلەنسە بولىدىكەن.

  سىرتتىن قارىغاندا، ئايروپىلان موتور بۆلمىسىنىڭ كەينى ھەرە چىشى شەكىللىك بولۇپ، بۇنداق بولغاندا پۈركۈمە ئېقىم تېخىمۇ ئاسان سىرتقى ھاۋا بىلەن ئارىلىشىپ، پۈركۈمە ئېقىم سۈرئىتىنى تۆۋەنلىتىپ، گاز پۈركۈش شاۋقۇنىنى تۆۋەنلىتەلەيدىكەن.

  ئايروپىلاننىڭ ئىچىدە 173 ئورۇن بار بولۇپ، يۈك-تاق بۆلمىسى ئادەتتىكى ئايروپىلانلارنىڭكىدىن چوڭ ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى ھەركۈنى سائەت 14:40 دا ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن يولغا چىقىپ، سائەت 18:30 دا پايتەخت ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن.

  بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت تەرەققىياتى تېز بولدى، كەينى-كەينىدىن يېڭى رېكوردلار يارىتىلىپ، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى يېڭى تەرەققىيات سەۋىيەسىگە قەدەم قويدى. ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى يىپەك يولى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى تېخىمۇ ئېنىق شەكىللەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى