تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەدەنىيلىك ئارقىلىق گۈللىنىش سەھىپىسىنى ئېچىۋاتقان سانجى

  شىن ۋېنمىڭ

  سانجى شەھىرى 11 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ‹‹5 – نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر›› تىزىملىكىگە رەسمىي كىردى.

  ‹‹خەلقتە ئېتىقاد بولسا، دۆلەتتە كۈچ – قۇدرەت، مىللەتتە ئۈمىد بولىدۇ. خەلقنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭى، ئەخلاق سەۋىيەسى، مەدەنىيەت ساپاسى ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك››. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن گۈزەل پىلاننىڭ يېتەكچىلىكىدە، سانجى شەھىرى مەدەنىيلىك ئارقىلىق شەھەر روھى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيلىك ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئەخلاق تىرىكى ۋە كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچكە ئىگە قىلدى.

  مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى

  سانجى شەھىرى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزدى، بۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان شەھەر ئاھالىسى ئۆزىنى بارغانسېرى بەختلىك ھېس قىلماقتا.

  بەش يىل ئىلگىرى بىنخۇ دەرياسى مەركىزىي باغچىسى ئېچىشنى كۈتۈپ تۇرغان سودا يېرى ئىدى، ھازىر سانجىدىكى مەنزىرىلىك رايون بولۇپ قالدى.

  شەھەر ئاھالىسى قاتناش، مائارىپ قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەتلەردىن بەك رازى ھەم بەك پەخىرلىنىدۇ.

  سانجى شەھىرى ئاپتونوم رايون بويىچە تاشيولنى يېزىلارغا تۇتاشتۇرۇش، كەنت يوللىرىنى ئاسفالتلاشتۇرۇش، كەنتلەرگە ئاپتوبۇس قاتناشنى ھەممىدىن بالدۇر ئىشقا ئاشۇردى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق IC كارتىسى، ھەممىباب ئايلىق IC كارتىسى شەھەر – يېزىلاردا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان بولدى، شەھەر – يېزىلاردىكى ياشانغانلار ئاپتوبۇسقا ھەقسىز ئولتۇرۇش ئېتىبار سىياسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

  مەجبۇرىيەت مائارىپى تەكشى راۋاجلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى، يېزا يەسلى مائارىپى ھەقسىز يولغا قويۇلدى؛ شەھەر ئاھالىسى يىلدا بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتەلەيدىغان بولدى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %100 ۋە %99.7كە يەتتى.

  قىسقىغىنا ئۈچ يىلدا، كەپىلىك رايون، شەھەر ئىچىدىكى كەنت، كونا مەھەللىدىن 25ى ئۆزگەرتىلىپ، 40 مىڭدىن ئارتۇق ئامما خۇشال ھالدا ئەمىن ئۆي ۋە كاپالەتلىك تۇرالغۇغا كۆچۈپ كىردى. ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر تولۇق ئېنىقلىنىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا دەل ياردەم بېرىلىپ، پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلدى.

  شەھەر – يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى بىردەك ھەر بىر كىشىنىڭ يىلىغا 5040 يۈەنگە، داۋالىنىش ياردىمىنىڭ يۇقىرى چېكى 3000 يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، ئائىلە ئاساس، مەھەللىلەر تايانچ، ئاپپاراتلار تىرەك قىلىنغان كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

  شەھەر باشقۇرۇش، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، سودا قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر قۇرۇلۇشلىرى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ، ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

  كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇرالغۇ كۆلىمى، تەبىئىي گازنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىش نىسبىتى، مەركەزلىك پار بېرىشنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى، پاسكىنا سۇنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى شەھىرى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، زىيارەت قىلىش، سۆھبەتلىشىش، سۇپا قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئامما ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنى خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى يولغا قويۇشتىكى ھەل قىلغۇچ تەدبىرنىڭ ئاساسى قىلدى.

  سانجى شەھىرى ھەر يىلى %75 تىن كۆپرەك مالىيە مەبلىغىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇردى. بەش يىلدىن بۇيان، خەلق تۇرمۇشىغا ئاجراتقان سېلىنما 13 مىليارد 580 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، مائارىپ، تۇرالغۇ كاپالىتى قاتارلىق زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، ئەلرايى مايىل قىلىندى، پۇقرالار خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

  مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش شەھەر قىياپىتىنىڭ يېڭىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى

  مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش باشلانغاندىن بۇيان، سانجى شەھىرى شىنجاڭ ‹‹مەززىلىك تائام مەدەنىيىتى مەركىزى، ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان شەھەر›› دىن ئىبارەت شەھەر ئوبرازىنى بېكىتىپ، شەھەرنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى داڭقىنى ۋە شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ بەخت دەرىجىسىنى كۈچەپ ئۆستۈردى.

  ‹‹12 – بەش يىل››مەزگىلىدە، سانجى شەھىرىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش سېلىنمىسى 18 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، شەھەر كۆلىمى 32 كىۋادرات كىلومېتىردىن 60 كىۋادرات كىلومېتىرغا كېڭىيىپ، بازارلىشىش نىسبىتى %70.3كە يەتتى. بىر تۈركۈم ئەل قەلبىنى ئىللىتىدىغان قۇرۇلۇشلار تەرتىپلىك يولغا قويۇلدى، كەپىلىك ئۆي رايونى، كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، شەھەر – بازارلارنى گۈزەللەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش، يورۇتۇش، پاكىزلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  ئىلگىرى تۇدۇنخې دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا دۇنخې سېمونت زاۋۇتى قاتارلىق 87 كارخانا، 26 قۇم مەيدانى ۋە 526 ئائىلىلىك بار ئىدى، دائىم توپا – چاڭ ئۇچۇپ تۇراتتى، ھەممىلا يەردە ئەخلەت ئۇچراپ تۇراتتى، بۇ سانجى شەھىرىدىكى ئاساسلىق بۇلغىما مەنبەسى بولۇپ قالغانىدى.

  2012 – يىلىدىن بۇيان، سانجى شەھىرى ‹‹سانائەتنى باغچە رايونىغا كىرگۈزۈش›› ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى ھەم قانۇنسىز قۇرۇلۇشلارنى چاقتى، بۇلغىما پەيدا قىلىدىغان كارخانىلارنى تاقىدى، ‹‹ئىككىنى پاكىزلاش، ئىككىنى گۈزەللەشتۈرۈش، بىرنى يېشىللاشتۇرۇش›› ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش، پاكىز شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ ‹‹سانجى ئۆرنىكى››نى نىشان قىلغان ‹‹ئىنقىلابىي جەڭ›› باشلاندى.

  ئالاھىدە تىرانسفورموتور، شىنجاڭ ‹‹لەنشەن تۇنخې›› خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تىيانشان چارۋىچىلىق بىيو قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تىيانشان ئۇنى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭجياڭ ئوبوروت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كارخانىلار ‹‹بىر رايون، ئۈچ باغچە››غا تايىنىپ، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي يېتەكچى كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىنىش يۇقىرى، كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارى يۇقىرى كەسىپلەرنى تارىخىي سەھنىدىن داۋاملىق چېكىندۈردى.

  ھازىر سانجى شەھەر رايونىدا قۇرۇلغان ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى سەيلە – ساياھەت باغچىسى 60 تىن ئېشىپ، شەھەر ئېكولوگىيەسىدە باغ – ئورمان يېشىللىق ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

  شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى يېڭى رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا، سانجى شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى كونا شەھەر رايونىدا نوپۇس كۆپ، ئۇل ئەسلىھەلەر ناچار، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش، چېنىقىش مەيدانلىرى ئاز. شەھەرلىك پارتكوم خەلقنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارزۇلىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، قايتا – قايتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ تەدبىر بەلگىلىدى، كۆلىمى 398 مو كېلىدىغان، كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىشقا بولىدىغان باغچە بىر يىلدىن كېيىن پۈتۈپ سىرتقا ئېچىۋېتىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، سانجى تەنتەربىيە مەيدانى ۋە شەھەر رايونى دالا ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدانىدىن تۆتى يېڭىدىن قۇرۇلدى، مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدانلىرىمۇ شەھەر ئاھالىلىرىگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى.

  سانجى شەھىرى پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى ئېيى، ئەخلاق دەرسخانىسى، شەھەر ئاھالىسى مەدەنىيەت – سەنئەت بايرىمى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى كۈچەپ ئۆستۈردى.

  ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش››، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ۋە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، شەھەر ئاھالىسىنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇن ئېڭى ۋە زامان ئېڭى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ۋەتەننى سۆيۈش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش شەھەرنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقىلىپ، ھەممەيلەننىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈلدى.

  مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتا ھەممە ئادەم لېي فېڭدىن ئۆگەندى

  ‹‹گۈزەل سانجى ـــ ئەخلاق ماكانى››. سانجىدا ياخشى ئادەملەر، ياخشى ئىشلار كۆپلەپ بارلىققا كەلدى. كەسىپنى قەدىرلەش، تۆھپە قوشۇش نەمۇنىچىسى جاڭ شىنچاڭ، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش نەمۇنىچىسى چېن ۋېيگاڭ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش نەمۇنىچىسى لى ماۋنيەن، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق بىلىش نەمۇنىچىسى جاڭ يەن...

  دەنبا بازىرىنىڭ تۇلياڭ كەنتىدىكى سانجى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا 55 ئىنقىلابىي قۇربان، پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى ۋە خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغانلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇدا ياتماقتا.

  ئۇلار ياكى باندىتلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان، ياكى دۆلەت مۈلكىنى قوغداش يولىدا قۇربان بولغان ۋە ياكى باشقىلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا قازا قىلغان... قەلبلەرگە مۇستەھكەم ئورنىغان مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، مېھرىبانلىق قاتارلىق پەزىلەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىش سانجى شەھىرىنىڭ ئادىمىيەت روھىنىڭ يادروسىنى ھاسىل قىلدى.

  باغۋەن مەھەللىسى ئاھالىسى ۋۇ گۈيليەن كۈنلۈك ئىشلەپ تاپقان پۇلى بىلەن 14 يىلدىن بۇيان ئانا مېھرى ئارقىلىق بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى مېڭە پاراللىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 12 بالىغا ياردەم بەردى.

  كارخانا خىزمەتچىسى ۋاڭ جىگاڭ 1983 – يىلىدىن باشلاپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ توققۇز يېتىم مېيىپ بالىنى يالغۇز بېقىپ، ئۇلارنىڭ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىشىگە ياردەم بەردى.

  كوچا باشقارمىسىنىڭ كادىرى جاڭ يەن قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ كىيىم – كېچەك، ئاياغ قاتارلىق بۇيۇملارنى يىغىپ، نامرات رايونلارغا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ نەچچە يۈز ‹‹مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش خالتىسى›› ئەۋەتتى.

  راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سۇ يۈچىن ئۈمىدۋار، قەيسەر ئايال، ئۇ 37 يىلدىن بۇيان مەھەللىدىكى مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىيلار ئەترىتىدىكىلەرنى باشلاپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر ھەر مىللەت ئاممىغا 985 قېتىم ياردەم قىلدى، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا 30 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇش قورالى تەقدىم قىلدى، ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ‹‹سۇ يۈچىن پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمەت پونكىتى›› ھەر كۈنى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى پۈتمەكتە.

  ئۈلگىلەرنىڭ تەسىرى ۋە ئىلھامى بىلەن شەھەر بويىچە ئەخلاقلىقلارنى قەدىرلەپ، ياخشىلىققا ئىنتىلىشتەك ياخشى كەيپىيات شەكىللەندى.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، سانجى شەھىرى ‹‹ئەخلاقلىق بولۇش››نى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ‹‹پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى ئېيى›› يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئەخلاق دەرسخانىسى››، ‹‹ئەڭ پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقنى كۆرسىتىمەن، باھالايمەن›› پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، ‹‹گۈل شەھىرى سانجى، ئەڭ پەزىلەتلىك سانجىلىق›› يۈرۈشلۈك باھالاش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، يادرولۇق قىممەت قارىشى ئاساسىي تېما مەيدانى، ئاساسىي تېما باغچىسى ۋە سەيلىگاھلارنى قۇرۇپ، ئەخلاق ئۈلگىلىرىگە غەمخورلۇق قىلىش ۋە ياردەم بېرىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر ئاينىڭ 20 – كۈنىنى شەھەر بويىچە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كۈنى قىلىپ بېكىتتى. دوستانە، سەمىمىي بولۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان مەدەنىي بولۇش، يېڭى ئىستىل تىكلەش، نامراتلارنى يۆلەش، ياردەم بېرىش، ئىجتىمائىي غەمخورلۇق قاتارلىق بەش چوڭ تۈردىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى.

  ھازىر شەھەر بويىچە ھەر بىر مەھەللىدە ‹‹قىزىل جىلىتكىلىك››، بېشىغا قىزىل شەپكە كىيگەن پىدائىيلارنى، شەھەر رايونىدىكى ھەر بىر قاتناش ئېغىزىدا ‹‹قىزىل يەڭ بەلگىسى›› تاقىغان يول كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ كىچىك قىزىل بايراقنى ئېلىپ، پىيادىلەرنى مەدەنىي يول يۈرۈشكە يېتەكلەۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلار خۇددى ئىللىق ئېقىمدەك پۈتكۈل شەھەرنىڭ چوڭ – كىچىك كوچىلىرىنى ئىللىتىپ، شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى.

  سانجى ـــ مەدەنىيلىك ئارقىلىق گۈللىنىش سەھىپىسىنى ئېچىۋاتقان جاي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى