شىنجاڭ تورى خەۋىرى: يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلغىلى بولىدىغان دورا تۈرى 2950 خىلغا يېتىپ، 2010-يىلىدىكىن 471 خىل دورا كۆپەيدى، ئېشىش نىسبىتى %19كە يەتتى.
14-نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجىتىمائىي كاپالەت نازارىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى (2017-يىللىق نۇسخىسى)»نى تارقاتتى. مۇندەرىجىگە ئاساسلانغاندا، دورا تۈرلىرى مۇندەرىجىسدە دۆلەتنىڭ سۆھبەت دورىسى كۆپەيتىلگەن (سۆھبەت دورىسى دېگىنىمىز، بىمارلار ئىشلەتمىسە بولمايدىغان، ئەمما باھاسى بەك قىممەت بولغاچقا بىمارلار ئىشلىتەلمەيدىغان دورىلارغا نىسبەتەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا چىقىپ دورا كارخانىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئاشۇ خىل دورىلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈش، تولۇقلىما بېرىش، بىمارلارنىڭ ئاشۇ دورا چىقىمىنى مەلۇم نىسبەتتە ئاتچوت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىدىغان دورىلاردۇر. - مۇھەررىردىن). بۇ دورىلار ئۆپكە راكى، ئاشقازان راكى، سۈت بېزى راكى، تۈگۈن تۈز ئۈچەي راكى، لىمفا ئۆسمىسى، يىلىك ئۆسمىسى قاتارلىقلارنى داۋالايدىغان 15 خىل نىشانلىق راكقا قارشى تۇرۇش دورىسى ۋە بۆرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى، نېرۋا كېسەللىكلىرى، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك دورىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. دۆلەت بىر تۇتاش سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەش ئارقىلىق دورىنىڭ باھاسىنى يۇقىرى نىسبەتتە چۈشۈرگەن بولۇپ، دورىلارنىڭ باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈش نىسبىتى %44كە، ئەڭ زور چەكتىكى چۈشۈش نىسبىتى %70كە يەتكەن.
يېڭى مۇندەرىجىدە يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش دورا مۇندەرىجىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى بىرلەشتۈرۈلگەن، شۇنداقلا 2010-يىلىدىكى ئاپتونوم رايون داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىدە يوق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىم قىلىش سىياسىتىگە ئۇيغۇن 111 خىل دورىنىڭ ھەممىسى كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭدەك، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر-يېزا (بازار) ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىرلىككە كەلگەن دورا مۇندەرىجىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن. يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش، شەھەر-يېزا ( بازار ) ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى بىرلىكى مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.