تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

پەرزەنتىڭىز بىلەن مۇنداق پاراڭلىشىپ بېقىڭ

ئەگەر پەرزەنتىڭىز گىپىڭىزنى ئاڭلىمىسا، ئىپادىلەش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ.

 1

ئانا: «نەچچە قېتىم دېدىم، نېمىشقا گېپىمنى ئاڭلىمايسەن؟»

بالا: «نەدە جىق تەكىتلىدىڭىز، پەقەت ئۈچ –تۆت قېتىملا دېدىڭىز، ئاڭلىدىمغۇ!»

پەرزەنتىڭىزگە مۇنداق دەپ بېقىڭ: «بۇ ئىشنى ساڭا دەپ بولغان، ئەمما قىلغىنىڭنى كۆرمىدىم. يەنە قايتا دېيىشىمنى خالامسەن ياكى ھازىرلا قىلامسەن؟»

 2

ئانا: «ھەركىتىڭ تېزرەك بولسۇن، بولمىسا ئۈلگۈرەلمەيمىز.»

بالا: «نېمىشقا ئۈلگۈرەلمەيمىز؟»

پەرزەنتىڭىزگە مۇنداق دەپ بېقىڭ: «بۈگۈن ئاتاڭ خىزمىتىگە بىرىنچى بولۇپ بارمىسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ بىرىنچى بولۇشىغا ياردەملىشەيلى! قېنى، كىيىم كىيىشتە ئۈچىمىزدىن كىم چاققان؟»

3

ئانا: «بۇ قانداق پوزىتسىيە ئەدەپسىز!»

بالا: «مەن ھېچنىمە قىلمىدىم؟»

پەرزەنتىڭىزگە مۇنداق دەپ بېقىڭ: «تاغاڭ گەپ قىلغاندا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغىن، ئەدەپلىك بالىلار چوڭلار بىلەن پاراڭلاشقاندا شۇنداق قىلىدۇ.»

4

ئانا: «ئويۇنچۇقۇڭنى دەرھال يىغىشتۇر، بولمىسا تاشلىۋىتىمەن!»

بالا: «ياق، ئويناپ تېخى يېرىمىغا كەلدىم، يەنە ئوينايمەن!»

پەرزەنتىڭىزگە مۇنداق دەپ بېقىڭ: «ئويۇنچۇق ئوينايدىغان ۋاقىت توشتى. ساڭا ئويۇنچۇق يىغىشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى بېرىمەن، بىر ناخشا تۈگىگىچە ئۇيۇنچۇقلىرىڭنى يىغىشتۇرۇپ بول، ۋەزىپىنى ۋاقتىدا تاماملىساڭ، ئەتە ئويۇنچۇق ئويناش ۋاقتىڭنى 10 مىنۇت ئۇزارتىپ بېرىمەن.»

ئىككىنچى كۈنى سائەتنى توغرىلاپ، پەرزەنتىڭىزگە كۆرسىتىپ قويۇڭ، 10 مىنۇتنى ئارتۇق بېرىپ، پەرزىنتىڭىزگە ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىڭىزگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ، 10 مىنۇتتىن كېيىن، « ئۇيۇنچۇق يىغىشتۇرۇش ناخشىسى»نى قويۇپ بېرىڭ.

5

ئانا: «ئىنىڭ بەك گەپ ئاڭلايدۇ، نېمىشقا  ئۇنىڭدىن ئۆگەنمەيسەن؟»

بالا: «نېمىشقا  ئۇنىڭدىن ئۆگىنىمەن، ئۇ نەدە گەپ ئاڭلايدۇ، ئۇ بەك كەپسىز.»

پەرزەنتىڭىزگە مۇنداق دەپ بېقىڭ :«ئىنىڭ جىم ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرىۋېتىپتۇ . سەن تېلىۋىزور كۆرگىلى بىر سائەت بولدى، ئەمدى تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈپ، مۇزىكا ئاڭلا ياكى كىتاپ ئوقۇ.»

ئەقىللىق بالىلارغا نىسبەتەن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ، ئەمەلىي ئۇسۇلنى كۆرسىتىپ بەرگەندە، تەربىيە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

پراكتىكانىت ساباھەت ئەركىن تەييارلىغان

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى