پەرھات خالىق ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 15-نويابىر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئەخلاق دەرسى ئۆتۈلدى، داڭلىق ناخشىچى پەرھات خالىق ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ بىلەن پائالىيەتكە قاتناشتى. پەرھات خالىق ئۆز يۇرتى ۋە بۇ جايدىكى ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ناخشا ساداسى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى ساۋاقداشلار ئارا دوستانە ئۆتۈشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەشكە ئۈندىدى. پائالىيەت ئاخىرىدا ئۇ يەنە شىنجاڭنىڭ نادىر ناخشىسى «تارىم» نى ئېيتتى.
پەرھات خالىق شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردا مەملىكەتكە تونۇلغان ناخشىچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 2014-يىللىق «جۇڭگو خۇشئاۋازى» پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، نايىڭ، ۋاڭ فېڭ قاتارلىق يېتەكچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، داڭلىق ناخشىچى ۋاڭ فېڭنىڭ گۇرۇپپىسىغا تاللانغان ھەمدە يىل ئاخىرىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئازغىنە پەرق بىلەن جاڭ بىچېنغا يېڭىلىپ قېلىپ، ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەنىدى.
(سۇڭ جيەنخۇا، جاڭ لىمىن فوتوسى)