تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2017-يىللىق چىڭداۋ دېڭىز ئۈستى خەلقئارا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلاندى

   خەلق تورى خەۋىرى: 2017-يىللىق چىڭداۋ دېڭىز ئۈستى خەلقئارا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى 19-نويابىر جياۋجۇ قولتۇقى دېڭىز ھالقىغان چوڭ كۆۋرۈكىدە باشلاندى، 20دىن كۆپ دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 15مىڭ تەنھەرىكەتچى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشتى. كەسكىن رىقابەتلىشىش نەتىجىسىدە A0381 نومۇرلۇق ماھىر جاڭ دېچېڭ 2 سائەت 31 مىنۇت 06 سىكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن پۈتۈن مۇساپە ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيۇن بولدى.

   ئىگىلىنىشىچە، دېڭىز ئۈستى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى چىڭداۋنىڭ بۇ يىل ئىچىدە 2017-يىللىق چىڭداۋ . غەربىي دېڭىز قىرغىقى كېچە خەلقئارا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، 2017 ـ يىللىق چىڭداۋ جياڭشەن سۇلۇ يەر خەلقئارا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، خەيئېر 2017 ـ يىللىق چىڭداۋ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن 4-قېتىملىق پۈتۈن مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، شۇنداقلا دېڭىز  ھالقىغان كۆۋرۈكتە  ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا بويىچە بىردىنبىر مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى