گوللاندىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا تاماملىغان تەتقىقاتتىن مۇنداق يەكۈن چىقتى: بالىلارنىڭ نەپەس يولى يۇقۇملانسا، ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا زىققا ۋە ئۆپكە ئىقتىدارى ئاجىزلاش كېسىلىگە گىرىپدار بولۇش خەتىرى كۈچىيىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر 1989-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان ۋاقىتتا تۇغۇلغان37 گۇرۇپپا بالىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن مۇنداق نەتىجىگە ئېرىشتى: بەش ياشتىن بۇرۇن نەپەس يولى يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى 1.5 ھەسسە ، ئۆپكە ئىقتىدارى ئاجىزلاش خەتىرى ئىككىدىن تۆت ھەسسىگىچە كۈچىيىدىكەن.
«ساغلاملىق ۋاقتى گېزىتى»دىن