تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى تۇنجى يەتىكەن ئايرىپ رەتلەش مەشغۇلات مەخسۇس لىنىيە سۇپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

  شىنجاڭدا ھەر قانداق جايدا جىددىي خەۋەرلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

  مۇخبىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭدىكى تۇنجى يەتىكەن ئايرىپ رەتلەش مەشغۇلات مەخسۇس لىنىيە سۇپىسى 11 – ئاينىڭ 18 – كۈنى شىنجاڭ يۇمشاق ماتېرىيال رايونىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ سۇپا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدا چېگرا چارلاش – قوغداش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىز يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، يەتىكەن ئايرىپ رەتلەش مەشغۇلات مەخسۇس لىنىيە سۇپىسىنىڭ مەخسۇس نۇر كابېلى بېيجىڭ يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى يەر يۈزى باش پونكىتىغا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلغان، كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى بىلەن يەتىكەن مەخسۇس لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلۇپ ۋە بىرلەشتۈرۈلۈپ، جۇغراپىيەلىك رايون توسالغۇسى بۇزۇپ تاشلىنىپ، بوشلۇق ۋە يەر يۈزىدە بىر گەۋدىلەشكەن سانلىق مەلۇمات توپلاش، يەتكۈزۈش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە كەسپىي باشقۇرۇش ئىقتىدارى ھازىرلىنىپ، پۈتكۈل ئاپتونوم رايوننى قاپلىغان ئۇنىۋېرسال تور مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنغان، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ئورۇن مەلۇم قىلىش ۋە قىسقا ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ بوشلۇق ۋە يەر يۈزىدە زاپاس توپلىنىپ تۇرۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ئالاقە تورى بىلەن يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ئالاقىسى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭدا ھەرقانداق جايدا جىددىي خەۋەرلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد – ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ھەربىي سانائەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شۆ خۇڭچاۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، بولۇپمۇ چېگرا لىنىيەسى ۋە بەزى چەت تاغلىق رايونلاردىكى مۇھىم قاتناش بۆلەكلىرىدە كۆچمە خەۋەرلىشىش سىگنالى ناچار، نۇرغۇن يول بۆلەكلىرىدە كۆچمە خەۋەرلىشىش سىگنالى يوق، يەتىكەن ئايرىپ رەتلەش مەشغۇلات مەخسۇس لىنىيە سۇپىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇناسىپ قىسقا ئۇچۇر ئابۇنىچىلىرىنى ئورۇن بەلگىلەش، ۋاقىت بېرىش، جىددىي خەۋەرلىشىش جەھەتتە ۋاقتىدا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ دالا ساياھىتى، دالا ئىكسپىدىتسىيەسى، چېگرا ھالقىغان ئوبوروت قاتارلىق ساھەلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك يول باشلاش ۋە خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ مەخسۇس لىنىيە سۇپىسىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئاپتونوم رايونىمىزدا يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتى، تۈرلۈك تېرمىناللارنى ئېچىش، پۇقرالار ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە پايدىلىنىش جەھەتلەردە يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى كەسىپلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش، ئۇنىڭدىن كۆلەملەشتۈرۈپ پايدىلىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى كەسىپلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يەتىكەن ‹‹تيەنخۇي››(بېيجىڭ) پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 10 مىليون يۈەن چىقىرىپ، شىنجاڭ يەتىكەن ‹‹تيەنخۇي›› پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان، بۇ شىركەت يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ياساپ پۈتكۈزگەن شىنجاڭ يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئايرىپ رەتلەش مەشغۇلات مەخسۇس لىنىيە سۇپىسى شىنجاڭدىكى ئابۇنىچىلارنى كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى