شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: قورغاس ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ساياھەت يانداش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىدىيە، بىرىنچى دەرىجىلىك باشقۇرۇش ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داڭلىق ماركا يارىتىش ئۈچۈن قورغاستىكى جۇڭگو-قازاقىستان خەلقئارا مەدەنىيەت ساياھەت رايونىنى مەملىكەت بويىچە تەسىر كۈچى بار دۆلەتلىك5A دەرىجىلىك سەيلىگاھ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
بۇلتۇر مارتتا قورغاس شەھىرى جۇڭگو-قازاقىستان خەلقئارا مەدەنىيەت ساياھەت رايونىنى دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك سەيلىگاھقا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ تۈر بۇ يىل دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە ساياھەت تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. نۆۋەتتە، بۇ سەيلىگاھنىڭ ئالدىنقى ئالتە باسقۇچتىكى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش خىزمىتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى.