ئۆز خەۋىرىمىز: 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا ئوت ئېلېكتىر، قەغەز ياساش قاتارلىق 15 كەسىپتىكى 300 دىن ئارتۇق كارخانىغا بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى 17-نويابىر چاقىرغان خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق كەسىپلەردىكى بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئىجازەتنامىسىگە ئىلتىماس قىلىش ۋە تارقىتىش ئەھۋالى ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايون ئوت ئېلېكتىر ۋە قەغەز ياساشتىن ئىبارەت ئىككى كەسىپنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ۋە تارقىتىش خىزمىتىنى تاماملاپ، 106 كارخانىغا بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئىجازەتنامىسى تارقىتىپ بەرگەن. كېيىنكى يېرىم يىلدا پولات-تۆمۈر، سېمونت، تۈز ئەينەك، ئېلېكتىرلىك ھەل بېرىش، كوكىس كۆيدۈرۈش، نېفىت-خىمىيە، دورا ياساش، ئازوتلۇق ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرى، گۈل بېسىش ۋە بوياش، تېرە ئاشلاش، شېكەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق 13 سانائەت كەسپىدىمۇ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ۋە تارقىتىش خىزمىتىنى تاماملايدىكەن.