شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى، سانجى، تۇرپان، شىخەنزىدىكى ئەنئەنىۋى سېمونت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى 1-نويابىردىن كېلەر يىلى 16-مايغىچە ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىكى مەقسەت قىش پەسلىدىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشنى ئازايتىش ئىكەن.
مۇخبىرنىڭ 16-نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش كەسپى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، «2017-2018-يىل قىش پەسىللىك سېمونت ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، خوتەننىڭ سېمونت ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىلىش ۋاقتى 2017-يىلى 1-دېكابىردىن 2018-يىلى 1-مارتقىچە، قەشقەر، قىزىلسۇنىڭ 2017-يىلى 16-نويابىردىن 2018-يىلى 16-مارتقىچە، ئاقسۇ، بايىنغولىننىڭ 2017-يىلى 1-نويابىردىن 2018-يىلى 1-ئاپرېلغىچە، باشقا ۋىلايەت-ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ 2017-يىلى 1-نويابىردىن 2018-يىلى 16-ئاپرېلغىچە جەمئىي بەش ئاي بولىدىكەن.
سېمونت كارخانىلىرى شىنجاڭدا قىش پەسىللىك ئىشلەپچىقىرىشنى قانات يايدۇرىدىغان بولۇپ،بۇنىڭدا سېمونت كارخانىلىرى پۈتۈن يىلدا 100 مىڭ توننىدىن 150 مىڭ توننىغىچە كۆمۈرنى تېجەپ قالالايدىكەن. ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىلىش مەزگىلىدە 1 مىليون توننا كۆمۈر ئاز قالىنىپ، ئۇنىڭدىن قويۇپ بېرىلىدىغان 8 مىليون توننا كاربون (IV) ئوكسىد، 8500 توننا گۈڭگۈرت (IV) ئوكسىد ئازىيىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىنىش ئازايتىشقا تۆھپە قوشۇلىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئۇسۇل سېمونت ئىگىلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش نورمىدىن ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدىكى قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدىكەن.