مۈرىسىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن چاچ قويۇشقا بولمايدىغان ئاياللار : پېشانىسى تار، بۇرنى پاناقلار ئەگەر ئۇزۇن چاچ قويسا، چاچ يۈزنىڭ ئىككى تەرىپىنى يېپىپ، مۈرىگە يېيىلىپ چۈشكەشكە، يۈز شەكلى تولۇق كۆرۈنمەي قالىدۇدە، پېشانىسى تېخىمۇ تار كۆرۈنىدۇ.
بوينى قىسقا، توم بولغان ئاياللار : مۈرىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان چاچ قويغاندا، بوينى يوقتەك، بېشى بىلەن مۈرىسى بىرلىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ. بونداق ئاياللار قىسقا چاچ قويغان ياخشى.
بويى پاكار ئاياللار : چېچىنى مۈرىسىگىچە قويۇۋەتسە تېخىمۇ پاكار كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
چېچى ئازلار : ئەگەر چېچىنى قويۇۋەتسە، چېچى تېخىمۇ ئاز كۆرۈنۈپ، كىشىگە گۈزەللىك تۇيغۇسى بەرمەيدۇ.
بېشىنىڭ ئارقىسى ياپىلاق كەلگەنلەر : چېچىنى قويۇۋەتسە گۈزەللىكتىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
«تەرمىلەر»ژۇرنىلىدىن ئېلىندى