ئاسىيا مەركىزى تورى خەۋىرى: يېقىن كەلگۈسىدە ئىلى، ئالتايدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىشتا ئۈرۈمچى، تۇرپاندىن ئۆتمەيمۇ غۇلجىدىن بىۋاستە ئاقسۇغا بارغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان ئىككىنچى تېز ھەم قۇلايلىق بولغان تۆمۈريول لىنىيەسى شەكىللىنىدۇ.
مۇخبىرنىڭ بىڭتۈەن قۇرۇلۇش تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا يېڭىدىن ياسىلىدىغان ئاقسۇدىن ئارالغىچە بولغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تەتقىق قىلىنىپ تەستىقتىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشقا يىل ئاخىرلىرىدا ئىش باشلىنىدىكەن، بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى غۇلجا-ئاقسۇ تۆمۈريولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ ئۇچۇرىدىن ئىگىلىشىچە، غۇلجىدىن ئاقسۇغىچە بولغان تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1600كىلومېتىر كېلىدىكەن، ھاۋالەنكى غۇلجىدىن ئاقسۇغىچە بولغان تاشيولدا كىشىلەر ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ماڭسا 1000 كىلومېتىر ئەتراپىدا يول يۈرىدىكەن، ئەگەر غۇلجا بىلەن ئارال تۆمۈريول ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلسا، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان يەنە بىر تۆمۈريول لىنىيەسى شەكىللىنىدىكەن.