تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورۇنلار، تارماقلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى

   شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورۇنلار، تارماقلار تەشۋىق قىلىش يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى، ئىزچىللاشتۇردى. ئورۇنلار، تارماقلار بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈرلۈك شەكىلدىكى ئۆگىنىش ئارقىلىق پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىي ماھىيىتى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى، سىياسەت- تەدبىرلىرىگە بولغان تونۇشىمىز يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشتىكى ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىمىز ئۇرغۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا يېتىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى.

يەرلىك باج سىستېمىسى: باج ئېلىش، باشقۇرۇش ۋە باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز

ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك باج سىستېمىسى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى تەشۋىق قىلىش يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاپتونوم رايون بويىچە 5000 يەرلىك باج كادىرى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا قاتنىشىپ لېكسىيەنى ئاڭلىدى. شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋەن خەيچۈەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى ۋە ئاساسلىق نەتىجىلىرى، ئۆتكەن بەش يىللىق تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلار قاتارلىق تەرەپلەردىن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، چۈشىنىشلىك، جانلىق سۆزلىدى، يەرلىك باج كادىرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، مۇزاكىرە قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سەي زىيىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا باج خىزمىتى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى، يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يەرلىك باج تارماقلىرى باج ئېلىش، باشقۇرۇش ۋە باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، باج ئېلىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، <ئالاقە تورى+باج» ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئېلىش، باشقۇرۇش سانلىق مەلۇماتلىرىنى يۈكسەك مەركەزلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش سۇپىسى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى قوللىنىش سۇپىسى قۇرۇپ، باج ئىشلىرىنى بېجىرىش ئۈنۈمى ۋە باج تاپشۇرغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۇنىۋېرسال سەۋىيەسىنى تۈپتىن ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈشۆ مۇنداق دېدى: 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا خەلقنى مەركەز قىلىش كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنىپ، كوممۇنىستلارنىڭ باشتىن- ئاخىر خەلقنى ئويلاش ھېسسىياتى نامايان قىلىندى. 19-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە باج تاپشۇرغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامالنىڭ بارىچە باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج تاپشۇرۇشقا كېتىدىغان ۋاقتىنى قىسقارتىپ، باج ئىشلىرىنى بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنى رازى قىلىش كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ ئورگانلىرىدىكى خەلق ساقچىلىرىغا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى.

تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە ئۆگىنىش تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى ۋە دەۋر كوردىناتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، تارىخىي ئورنى، ئىلمىي سىستېمىسى ۋە ئەمەلىي تەلىپىنى، «سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە «14تە چىڭ تۇرۇش» ئاساسىي تەدبىرىنى، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى خىرىس ۋە يېڭى دەۋردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىيات تەپەككۇرىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، تىرىشىپ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا ياردەم قىلدى.

بۇ قېتىمقى تەشۋىق قىلىش يىغىنى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئورگىنىدىكى بارلىق خەلق ساقچىلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا دوكلاتنى ئاڭلىدى. ھەر قايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىلىرى، ناھىيەلىك (رايونلۇق)، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىلىرى، ساقچىخانىلار، ئاممىغا قولايلىق ساقچى پونكىتلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، چارلاش- مۇداپىئە چوڭ ئەترەتلىرى، يېزا(مەھەللە) ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىلىرى ۋە شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئورۇنلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بۇلاقتاغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسىدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق ساقچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ۋە سۆھبەتلەشتى. يىغىنغا قاتناشقان خادىملار مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، 19-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تەسىراتى ھەققىدە كەڭ- كۇشادە پىكىر بايان قىلدى.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى نىشان، يېڭى تەلەپلەرنى توغرا ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى تەشكىللىدى. تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى ئون گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا بېرىپ تەشۋىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىپىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مۇھىت ئاسراش سىستېمىسى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، 19- قۇرۇلتاي روھىنى مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىدا يىلتىز تارتقۇزۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار يۈكسەك قىزغىنلىق ۋە پۇختا ھەرىكەت بىلەن، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يۆنىلىش قىلىپ، گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر جاڭ جيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچەپ، 19-قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پىششىق ئۆزلەشتۈرۈشى؛ ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، زىددىيەتكە دادىل، بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەسىلىگە يۈرۈش قىلىپ، مەسىلىنى چۆرىدەپ ئىشلەپ، ئاساسىي زىددىيەت ۋە ئاجىز ھالقىلارنى تۇتۇپ، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، نىشانلىق ئوق ئېتىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، مەسىلىلەرنى تولۇق، ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.


(رىزا زەينىلقان، سۈي يۈنيەن، ۋاڭ يايۈن)

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى