تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

   جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى»، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىر قانچە بەلگىلىمە» ۋە «يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»دېيىلدى)نى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ «بىر قانچە بەلگىلىمە» ۋە «يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزگەنلىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىستىلنى قەتئىي ياخشىلاپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ۋە تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى دەل جايىدا كەم-كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى چوڭقۇر ھېسسىيات، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش روھى بىلەن ياخشى ئادا قىلىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۇنىڭغا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدىكى ھەربىر پارتىيە ئەزاسى بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە ھەقىقىي سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۈزۈم جەھەتتىن، قانۇن جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ئورگان پارتگۇرۇپپىسى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ، «بىرقانچە بەلگىلىمە» ۋە «يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى ئۆگىنىش ۋە ئىجرا قىلىشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇشى؛ دائىمىي كومىتېت ۋە دائىمىي كومىتېت ئورگىنىدىكى نازىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىش، ئۆزى ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق كادىرلارغا ئۈلگە بولۇشى؛ دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ئورگان پارتگۇرۇپپىسى سىياسىي مەسئۇلىيىتى، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ تەلىپىنى ياخشى ئادا قىلىشى، ھەم ئورگان كادىرلىرىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىدىن چيەن جى، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، مانەن زەينەل، ئىنام نەسىردىن، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى