تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، غايىنى مۇستەھكەملەپ، ئىشەنچنى چىڭىتايلى

− ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئۆمىكىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
 خەن چىنيەن

ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تەشۋىقات ئۆمىكى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئورگانلاردىن مەھەللىلەرگىچە، شەھەرلەردىن يېزىلارغىچە، كارخانىلاردىن مەكتەپلەرگىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر بىر مەيدان تەشۋىقات پائالىيىتىدە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ھەر بىر ياچېيكا، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى، ھەر بىر ئاممىغىچە ۋاقتىدا يەتكۈزۈلدى. ئېنىق، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش، جانلىق، تەسىرلىك چۈشەندۈرۈش، ھەم نەزەرىيە جەھەتتىن يىغىنچاقلاش، ھەم ئەمەلىيەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش كادىرلار ۋە ئاممىنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى ۋە ئىلھاملاندۇردى.

ئاڭلىغۇچىلار بەس- بەستە مۇنداق دېدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى چوڭقۇر ھېسسىيات، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۆگىنىپ، دوكلاتنىڭ مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەردە تىرىشىپ ئىلگىرىلەيمىز.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك،توغرا تەشۋىق قىلىندى

تەشۋىقات ئۆمىكى تەشكىللەپ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش − ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۆۋەتتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ قىزغىن تەقەززاسىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس، ھەم پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى يەنىمۇ قوزغاشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئۆمىكى تەشۋىقات تەجرىبىسى مول 14 رەھبىرىي كادىر ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىمدىن تەشكىللەندى.

تەشۋىقات ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە كوللېكتىپ دەرس تەييارلىدى. كۆپچىلىك بىر يەرگە جەم بولۇپ، دەرس تەييارلاش تەسىراتى توغرىسىدا يۈزتۇرا پىكىرلەشتى، سىناق تەرىقىسىدە سۆزلەش، ئومۇملاشتۇرۇپ خۇلاسىلەپ سۆزلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قۇرۇلتاي دوكلاتىنى سۆزمۇ سۆز ئوقۇپ، پىرىنسىپنى ئىگىلەپ، كوللېكتىپ مۇھاكىمە قىلىپ، ئۆزئارا سوئال سوراپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىشكە كۈچەپ، تەشۋىقات تېزىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ، كۈچەش نۇقتىسىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى زور ھۆكۈمگە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن پارتىيە ھىمايە قىلىدىغان، خەلق قەدىرلەيدىغان، پارتىيەنىڭ داھىيسى بولۇشقا مۇناسىپ داھىي ئىكەنلىكىگە مەركەزلەشتۈردى؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، «يەتتىنى ئېنىق سۆزلەپ»، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈردى.

كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش ئارقىلىق تەشۋىقاتتا نېمىنى سۆزلەش، قانداق سۆزلەش، قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. تەشۋىقات جەريانىدا ئامما چوقۇم ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنىڭ شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئۆمىكى 11- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن باشلاپ سەككىز گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، ئالىي مەكتەپلەر قاتارلىق ئورۇنلارغا بېرىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلدى.

تەشۋىقات ھەم يۈكسەكلىك، ھەم ئىللىقلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى پۇ شۆمېي ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى 115 تارماق، ئورۇندىن كەلگەن 800 پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىرغا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ يۇڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى شەكلىدە دوكلات بەردى، ئوبلاستتىكى 1600دىن كۆپرەك كىشى دوكلاتنى ئاڭلىدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېلىل ناسىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋۇلۇڭ قەشقەردە ئايرىم- ئايرىم ئاز سانلىق مىللەت تىلى ۋە دۆلەت تىلىدا تەشۋىقات ئېلىپ باردى. تەشۋىقات سىن شەكلىدە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 12 ناھىيە، شەھەرنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزۈلدى، 4000دىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسى، كادىر، ھەر ساھە ۋەكىللىرى تەشۋىقاتنى ئاڭلىدى...

تەشۋىقات ئۆمىكىنىڭ دوكلاتى سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك، توغرا، تەپسىلىي، نۇقتا بىلەن دائىرە بىرلەشتۈرۈلگەن، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئاساستا چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ ھەم يۈكسەكلىك، ھەم ئىللىقلىق ئىچىدە سۆزلىنىپ، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پى فۇپىڭ تەشۋىقاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: تەشۋىقات دوكلاتى ئىنتايىن قالتىس، باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى مول، ئېنىق، ئومۇميۈزلۈك، تەپسىلىي بولدى، ئۇ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىزدە ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات سىستېمىسىنىڭ كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، داۋاملىق خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى كۆزلەيمىز.

يەكەن ناھىيەلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۈرئەت ئەخمەت مۇنداق دېدى: تەشۋىقات پائالىيىتى ھەم يۈكسەكلىك، ھەم ئىللىقلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى، بەك ھاياجانلاندىم، تەشۋىقاتنى ئاڭلاپ چوڭقۇر تەربىيە ۋە ئىلھام ئالدىم، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمدە ئىشەنچىمنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئۆز خىزمىتىمنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمەن.

شىنجاڭ چېگرا پىرىيوم- كارانتىن ئىدارىسى سىياسىي خىزمەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مەدىنە ۋاھاپ مۇنداق دېدى: تەشۋىقات دوكلاتىدا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك، ئىنچىكە چۈشەندۈرۈلۈپ، بىزنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدا يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ۋە ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى. بىز پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام، كارخانا ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى، چېگرادىن كىرگەن- چىققانلارنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز.

جانلىق تەشۋىق قىلىش بىلەن پائال ئۆگىنىشنى تەڭ تۇتۇش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئۆمىكى كادىرلار ۋە ئاممىغا ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئەتراپلىق، تەپسىلىي بولغان تەشۋىقات دوكلاتىنى يەتكۈزۈپلا قالماي، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پۇقرالار بىلەن يۈز تۇرا پىكىر ئالماشتۇردى، كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا، مۇھىم نۇقتا مەسىلىلىرىنى يۇقىرى قاتلامدىن يېشىپ بەردى.

«غۇلجا گۈزەل جاي، ھەر قېتىم بۇ شەھەرگە كەلگەندە روھىم كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ! بولۇپمۇ غۇلجا شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما قىزغىن ھەم مېھماندوست، كەلگەن ئادەمنىڭ كەتكۈسى كەلمەيدۇ». 11- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى خې گوچىڭ «قانداقراق؟ يېقىندىن بۇيان ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەت ۋەزىپىسى ئېغىرمۇ؟ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئىشەنچىڭلار بارمۇ؟» دېگەن سوئال ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن بولغان ئارىلىقنى تېز يېقىنلاشتۇردى. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ئامما ھاياجېنىنى باسالماي «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى قانچە چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرگەنسېرى، ئادەمنى شۇنچە ھاياجانغا سالىدىكەن» دەپ جاۋاب بېرىشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئوخشاشلا قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى. ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بەس- بەستە قول كۆتۈرۈپ سۆز قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى بىمالال بايان قىلدى. «ياش ئوقۇغۇچىلار قانداق قىلغاندا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرەلەيدۇ؟»، «ئالىي مەكتەپلەر قانداق قىلغاندا ئىدىيە بازىسىنى چىڭ ساقلاپ، دەۋر مۇنەۋۋەر ياشلارغا يۈكلىگەن بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئالدۇرالايدۇ» ... كۆپچىلىك ھەر بىر مەسىلىنى چۆرىدەپ، ئۆزئارا مۇزاكىرە قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات ئۆمىكىنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈلۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، ئامما ئاڭلاپ بىلەلەيدىغان، ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان سۆز- جۈملىلەر كۆپرەك ئىشلىتىلدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىمۇ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھاياجان بىلەن «تەشۋىقات ناھايىتى قالتىس بولدى» دەپ مەدھىيەلىدى. كۆكتوقاي ناھىيەسى قۇئېرتىش بازىرىدىكى خۇ يىچىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى، شۇنداقلا كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى «مادىنبېك تەشۋىقات ئەترىتى»نىڭ ئەزاسى. ئۇ مۇنداق دېدى: تەشۋىقات دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ئېنىق، تولۇق چۈشەندىم ۋە ئۆزلەشتۈردۈم. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى بىزگە كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى سۈرەتلەپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىز ۋە يولىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، پەقەت جاسارەتلىك، ياراملىق بولغاندىلا، ۋاقىت بىلەن بەسلىشەلەيمىز.

ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا، ئىنچىكە، ئۇششاق ھالقىلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. جانلىق تەشۋىق قىلىش بىلەن پائال ئۆگىنىشنى تەڭ تۇتۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يىلتىز تارتقۇزۇپ، چېچەكلىتىپ مېۋە بەرگۈزۈپ، يېڭى دەۋرگە ھۆسن قوشىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى