تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى گۈزەل، خەلقى ئۆم ياخشى جاي

شىن ۋېنمىڭ

يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت − ئۈرۈمچى جاھاننىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم جەلپ قىلدى.

11-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن خۇش خەۋەر كەلدى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى «5-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر (رايون)، مەدەنىي كەنت- بازار، مەدەنىي ئورۇنلارنى تەقدىرلەش قارارى»نى ئېلان قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەرلەر قاتارىدىن رەسمىي ئورۇن ئالدى.

2011-يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شەھەردىكى ھەر مىللەت خەلققە مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش چاقىرىقىنى چىقاردى. دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، تەسىرى ئەڭ كەڭ، بەرپا قىلىش ئەڭ تەس، مەملىكىتىمىزدىكى شەھەرلەر بەس- بەستە تالىشىدىغان بۇ ئۇنىۋېرسال شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەردە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكى، مەركەز، ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەن، ھەربىي رايوننىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، مەدەنىيلىكنى شەھەر تەرەققىياتىنىڭ گېنىغا ئايلاندۇرۇپ، ھەر بىر شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھەرىكىتىدە كونكرېتلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ توپلاپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ھەم «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان خەلقئارا شەھەر قۇرۇشنىڭ كۈچلۈك مارشىنى ياڭراتتى.

مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ

مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ئۈرۈمچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، شەھەرنى يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلاپ، قۇرۇپ ۋە باشقۇرۇپ، شەھەرنىڭ دەرىجىسى، مۇھىت سۈپىتى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە شەھەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش مۇھىم تۇتقا قىلىندى، بۇ، مەركىزىي شەھەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، دادىللىق بىلەن ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، ئاۋانگارت بولۇش، تۆھپە قوشۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ جانلىق نامايەندىسى.

ئۈرۈمچى شەھىرى ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر، دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك باغچىلاشقان شەھەر، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەھەر، مەملىكەت بويىچە ئىجادچان شەھەر، دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئۈلگىلىك شەھەر بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەتراپلىق پىلانلاپ، نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، چوڭ تۈرلەر ئارقىلىق يېتەكلەش نەتىجىسىدە «توققۇز چوڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا «خەلقنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان، خەلققە ياردەم بېرىدىغان، خەلقنى شادلاندۇرىدىغان، خەلقپەرۋەر بولىدىغان» خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىللىقلىقى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇلدى.

مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش شەھەر ئاھالىسىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلدى. ھازىر ئۈرۈمچى شەھەر رايونىنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %40.3كە يەتتى. ئەخلەتلەر دۆۋىلىنىپ كەتكەن نۇرغۇن تاغلار كىچىك-كىچىك باغچىلارغا ئۆزگەردى. يېڭىدىن كۆپەيگەن باداۋان دەرياسى بويىدىكى كىچىك باغچە، ئاق كۆكتارغاق تېغى كىچىك باغچىسى، چوڭ-كىچىك كۆك جىلغا باغچىسى شەھەر ئاھالىلىرى بەدەن چېنىقتۇرىدىغان، ئارام ئېلىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان كۆڭۈللۈك جايغا ئايلاندى.

ئۈرۈمچى شەھىرى خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، تارىختا سالمىقى ئەڭ زور، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قۇرۇلۇش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان كۆك ئاسمان قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، 52 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «كۆمۈرنى گازغا ئۆزگەرتىش» قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنى تۈزەيدىغان 140 نەچچە تۈرنى يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئومۇميۈزلۈك گاز يېقىلغۇ قىلىنىدىغان شەھەرگە ئايلاندى، بۇ ئارقىلىق ئۈرۈمچىنىڭ قىش پەسلىدىكى ئاتموسفېرا بۇلغىنىش ئەھۋالى ياخشىلاندى.

ئۈرۈمچى «بىر بەلباغ، بىر يول» قاتناش تۈگۈنى قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شەھەر قاتنىشىدا يېڭى ئەندىزە بەرپا قىلىپ، يەر ئاستى پىيادىلەر يولى، كوچا ئۆتۈشمە يولى، BRT، تېز سۈرئەتلىك يول، ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈك، چاسا شەكىللىك ئاسما كۆۋرۈكلۈك يول، شەرقىي ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، لەنجۇ- شىنجاڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، مېترو، شەھەر ئارا تۆمۈريول، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى كېڭەيتىپ ياساش قاتارلىق چوڭ تۈرلەرنى تېز يولغا قويدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتا تارىختىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان كونا شەھەر رايونى، كەپىلىك رايون ۋە كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ ۋە يېزىلاردىكى ئەمىن ئۆي قاتارلىقلاردىن 151 مىڭ 500 يۈرۈشنى يېڭىدىن سېلىپ، 1 مىليون 600 مىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى.

مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش شەھەر ئاھالىسىنى تېخىمۇ مەدەنىيلەشتۈردى

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە «رەسىملىك چۈشەندۈرۈش، ناخشا ئېيتىش، ھېكايە سۆزلەش، ھۆسنخەت، ئۇسسۇل ئويناش- چېنىقىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش»تىن ئىبارەت ئالتە خىل شەكىل تايانچ قىلىنىپ قانات يايدۇرۇلغان سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا پائال سىڭىپ كەتتى. مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشقا ئاتاپ ئىجاد قىلىنغان «جۇڭگولۇقلارنىڭ خىتابنامىسى − سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى» قاتارلىق مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ باش تېما ناخشىسى مەركىزىي شەھەردىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرس ئارىقىلىقىدىكى گىمناستىكا مۇزىكىسى، مەيدان ئۇسسۇلى مۇزىكىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، 1 مىليوندىن كۆپرەك شەھەر ئاھالىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېيتىدىغان ناخشىغا ئايلاندى، 600 مىڭدىن كۆپرەك ھەر مىللەت كادىر، ئامما ئۆزلۈكىدىن 2300دىن كۆپرەك ئەلئارا مەيدان ئۇسسۇلى قوشۇنى تەشكىللەپ، ئويۇن قويدى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەدەنىيلىكىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم تەرەپ. ئۈرۈمچى شەھىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «ھۈجەيرە قۇرۇلۇشى»نى كۈچەيتىش ئۈچۈن، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇسى (مەھەللىسى) بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى چىقىرىپ، پۈتۈن شەھەردە تۈرلۈك بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىغان ئەمەلىي ۋاسىتىلەرنى بېيىتىپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەرنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى مەدەنىيەت بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى، تىياتىرخانا، مۇزىكا زالى، مەدەنىيەت سارىيى، مۇزېي، كۇتۇپخانا (كىتاب شەھەرچىسى) شەھەر ئاھالىسى بوش ۋاقتى چىقسىلا بارىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2012- يىلىدىن بۇيان، ئۈرۈمچىدە 40 مىڭ مەيداندىن كۆپرەك ئاممىۋى پاراۋانلىقى كىنوسى، 1200 مەيداندىن كۆپرەك مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كونسېرتى قويۇلغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئۈرۈمچى مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى تارقىتىپ، ئاممىۋى پاراۋانلىقى كىنوسى قويۇپ، «ئۈچ ساراي، بىر پونكىت»نى ھەقسىز ئېچىۋېتىپ، ئەخلاق دەرسخانىسى، مەدەنىيەت دەرسخانىسى تەسىس قىلىپ، مەركىزىي شەھەردە مەدەنىيلىك كەيپىياتىنى ئۈزلۈكسىز ياراتتى.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئەڭ گۈزەل شەخسنى تەۋسىيە قىلىش، ئەتراپتىكى ياخشى كىشىلەرنى باھالاش، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تاللاش، تىپ قىلىپ تۇرغۇزۇش، دەۋر نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق قانات يايدۇردى. شەھەر بويىچە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 11 كىشى مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاشتا نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، 17 كىشى جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكىگە كىردى، 115 كىشى ئاپتونوم رايون ۋە شەھەر دەرىجىلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى، 3100دىن كۆپرەك شەھەر پۇقراسى ئەڭ پەزىلەتلىك كىشى بولۇپ باھالاندى.

مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتا جەزمەن تۈزۈم كاپالىتى بولۇشى كېرەك. «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيلىك ھەرىكەت نىزامنامىسى»، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېما قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىق قېلىپلاشقان ھۆججەتلەر ئېلان قىلىنىپ، مەدەنىي نىزام چىقىرىش، بولۇپمۇ «سەمىمىيلىك قىزىل- قارا تىزىملىكى» تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، شەھەر تەۋەسىدە «سەمىمىيلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش، سەمىمىيەتسىزلەرنى قامچىلاش»تەك ياخشى كەيپىيات يارىتىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سەمىمىي بولۇشنى تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ

مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىلا بار، ئاخىرلىشىش نۇقتىسى يوق، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىزغىنلىقى تېزدىن كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر دېگەن بۇ كۆزنى چاقنىتىدىغان شان- شەرەپ ئاستىدا، ئۈرۈمچى تېخىمۇ مەزمۇت قەدەم ئالدى.

11- ئاينىڭ 7- كۈنى ئېچىلغان ج ك پ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئېغىشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركىزىي شەھەر خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئۈرۈمچىنى ئىناق- ئىتتىپاق، باي- باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان خەلقئارا شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنى دائىملاشتۇرۇشنى يېڭى تارىخىي باسقۇچتىكى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىش»نى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرمەكتە.

− شەھەر قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەھەر ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ھەممەيلەن شەھەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، شەھەرنى سۆيۈپ، شەھەر قۇرۇلۇشىنى قوللىشى، بۇ ئارقىلىق شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى ئورتاق تونۇش ۋە ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

− خەلقنى مەركەز قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىدە يەنىمۇ چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ شەھىرى خەلققە مەنسۇپ دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، تۈجۈپىلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق جەھەتتە تىرىشىپ ئۈلگە كۆرسىتىپ، قىياپەت جەھەتتە ئوبراز تىكلەپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە تايانچنى كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراش جەھەتتە باشلامچى، مەدەنىيلىك جەھەتتە كۆزنەك بولۇپ، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

− مىللىي خاسلىقنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، دەۋر پۇرىقىغا ئىگە قىلىش، ھەم تارىخىي ئەنئەنىنى ساقلاپ، مىللىي ئۆرپ- ئادەتلەرنى نامايان قىلىش؛ زامانىۋى خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئىلغار شەھەرلەرگە سېلىشتۇرۇپ، پىلانلاش- لايىھەلەش، قۇرۇش- باشقۇرۇش جەھەتتە يېڭى لايىھە، يېڭى ئۆلچەم، يېڭى ھۈنەر- سەنئەت، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇسۇللارنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش؛ ئولتۇراقلىشىش خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىلمىي پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرنى تىرىشىپ ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، ئۈرۈمچىنى غەربىي شىمال رايونى بويىچە خاسلىقى روشەن، يېشىل، ساغلام، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، ئىناق زامانىۋىلاشقان خەلقئارا شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى زامانىۋىلاشقان مەركىزىي شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

«تاغلارنى كۆكەرتىش، سۇنى شەھەرگە باشلاش، كۆمۈرنى گازغا ئۆزگەرتىش، يەرلەرنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش، ئاسماننى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش، كىشىلەرنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش». يېڭى پەللىدە تۇرۇۋاتقان ئۈرۈمچى تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

ئۈرۈمچى گۈزەل شەھەر، ئادەملىرى ئۆم، ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان ياخشى جاي.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى