تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىن مەمتىمىن ئابدۇقادىر، ئەمەر ھېيت، ۋېي دېيۇ 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى

شىنجاڭ مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ سانى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى

شىن ۋېنمىڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن مەمتىمىن ئابدۇقادىر مەملىكەت بويىچە «ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش نەمۇنىچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا، ئەمەر ھېيت، ۋېي دېيۇ مەملىكەت بويىچە «سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش نەمۇنىچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى، شىنجاڭ مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ سانى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى.

گۇما ناھىيەسىدىن دېھقان مەمتىمىن ئابدۇقادىر ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى.

قاغىلىق ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ پېنسىيونېرى ئەمەر ھېيت ھايات ۋاقتىدا پېشقەدەم ئەسكەر ئىدى، ئۇ سەپداشلىرىنىڭ قەبرىسىنى ھەر دائىم يوقلاپ، بىر ئۆمۈر ۋەتەن ئۈچۈن جان پىدا قىلغان قەھرىمانلارغا باياۋاندىكى يۇلغۇندەك ئۈن-تىنسىز ھەمراھ بولۇپ، جاپا-مۇشەققەتنى راھەت بىلىپ، كىشىنى قايىل قىلىدىغان ھاياتلىق نۇرىنى چاچتى.

بىڭتۈەن 9-شىسى 161-تۈەنىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى ۋېي دېيۇ 53 يىلدىن بۇيان باشتىن-ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى قوغداش ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، خوتۇنى بىلەن بىللە يازدا پاشا چېقىپ ئارام بەرمەيدىغان، قىشتا قار-شىۋىرغان كۈچلۈك بولىدىغان ئادىمىزات يوق رايوندىن ئايرىلماي، «غەربىي چېگرانى يېرىم ئەسىر قوغداپ، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئۈن- تىنسىز تۆھپە قوشۇش»نىڭ ئادەتتىن تاشقىرى سەھىپىسىنى پۈتتى.

ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن تەۋسىيە قىلغان قۇربان نىياز، پەن يۈليەن، جۇماتاي ئاۋبەكىر، جاڭ شىن، لاچىن بايىك، سانىخان ھېيتەم، ۋاڭ جېنيۈن، يۇ لياڭيىڭ، لو يۈ، خې جيەنلىن، شۈ شياۋفېن قاتارلىق 11 كىشى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاشتا نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

«گۈزەل شىنجاڭ ئەخلاق ماكانى». 2007-يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلار ھەر ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت مەملىكەت بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش-تەقدىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 21 كىشى مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر سانى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىدى. 2008-يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلار ھەر ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئاپتونوم رايون بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش-تەقدىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ كەلدى، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 116 كىشى ئاپتونوم رايون بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالىنىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئاكتىپ كۈچنى ئۈنۈملۈك تارقاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى